دۇيۈ شەھىرىدىكى بىر ئاتا ئوغلىنى يۈرەكلىك قىلىپ تەربىيەلەش مەقسىتىدە، پراۋىسى يوق ئوغلىغا ماشىنىنى ھەيدىتىپ يولغا چىققاندا، ساقچى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن.
12- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 ئەتراپىدا، خەلق ساقچىلىرى بىر مىنىبۇسنى تەكشۈرگەندە، شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا دۇڭ فامىلىلىك ئەرنىڭ ئولتۇرغانلىقى، ماشىنىنى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ھەيدىگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ئادەمنىڭ ماشىنىنى ئوغلىغا ھەيدىتىپ يولغا چىقىشتىكى مەقسىتى ئوغلىنى يۈرەكلىك قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن ئىكەن.
گەرچە دوڭ ئەپەندىنىڭ ئوغلى ھازىر شوپۇرلۇق مەكتەپتە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، تېخى پراۋا ئېلىپ بولمىغاچقا، پراۋىسىز ماشىنا ھەيدەش ھېسابلىنىدىكەن.
تۈنۈگۈن، دۇيۈ ساقچى دائىرىلىرى ئاتا- بالا ئىككىيلەننى بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىپ، ئوغلى پراۋىسىز ماشىنا ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن، مەمۇرىي جەھەتتىن 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇش ۋە 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى، دادىسى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى پراۋىسى يوق ئادەمنىڭ ھەيدىشىگە بەرگەنلىكى ئۈچۈن، پراۋىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بەرگەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved