رۇسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى 14-ئۆكتەبىر پارىژدا ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت سۆھبەت ئۆتكۈزدى. لاۋروف سۆھبەتتىن كېيىن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا جىددىي خەلقئارا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلاردا ئالاھىدە رول ئويناپ، بىر قىسىم ساھەلەردە ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق ، شىمالىي ئافرىقا رايونىدىكى تېررورچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش ۋە ئىبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشى كېرەك.
لاۋروف مۇنداق دېدى: مېنىڭ كېررى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشۈم زۆرۈر. گەرچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ئىختىلاپلار ساقلانغان بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم خەلقئارا مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۇستىدە ئىزدىنىش ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved