لى كېچياڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29 – ئىيۇل تېلېگراممىسى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 29 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە مۇھىم گۈللەنمە بازىرى دۆلىتى. رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەتلەشتى. جۇڭگو تۈركىيە بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش ئاساسىدا، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يادرولۇق مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىپ، ھەر قايسى ساھەدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تۈركىيە بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلار دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسىي، ئىقتىساد – سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنى تۈركىيەنىڭ ‹‹ئوتتۇرا كارىدور›› پىلانى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تۆمۈر يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېنىك سانائەت، ئالاقىلىشىش قاتارلىق كەسىپلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تەكشى ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق گۈللەنمە ساھەدىكى ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. تۈركىيەنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۈركىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەردوغان مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارزۇسى كۈچلۈك، نىشانى ئېنىق. تۈركىيە ئىككى تەرەپنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، ئۇچۇر ئالاقىلىشىش، پۇل مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە، قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشى ۋە ھەمكارلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. تۈركىيە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئەشيا ئوبوروت بازىسى بولۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىشىپ 3 – تەرەپ بازار ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.



31-07-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
08-05-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبسىتان پادىشاھى سالمان ۋەزىپىدە ئولتۇرغىنىغا 20 يىل بولغان نېفىت مىنىستىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ھەمدە نېفىت مىنسىتىرلىكىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتمەچكى بولغان. ...
08-05-2016
    ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بېرلىندا يەنە بىر مەيدان مېركىلنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى پارتلىدى. 7- ماي چۈشتىن كېيىن مىڭدىن ئارتۇق ئوڭچى زاتلار بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا: مې...
08-05-2016
    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقىلى 70 نەچچە يىل بولدى. ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپمۇ 60 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما رۇسىيە بىلەن ياپونىيە تا بۈگۈنگىچە تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىيالمىدى....
08-05-2016
    بىرما تەشۋىقات مىنسىتىرلىكى 7- ماي ئۇچۇر چىقىرىپ، بىرمىنىڭ سان شىتاتىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى چېگرا رايونغا جايلاشقان بازار مونگىلا ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەمنىڭ قازا قىل...
08-05-2016
    ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بېرلىندا يەنە بىر مەيدان مېركىلنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى پارتلىدى.     7- ماي چۈشتىن كېيىن مىڭدىن ئارتۇق ئوڭچى زاتلار بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ،...
08-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سايلام نامزاتى بولۇپ نامى ئاتىلىشى مۇقىملىشىپ قالغان ترۇمپو 6- ماي تىغ ئۇچىنى يەنە بىر قېتىم ياپونىيەگە قاراتتى. ترۇمپ مۇنۇلارنى تەشەببۇس قىلدى: ناۋادا ياپونىيە ئا...
08-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ساقچى تەرەپ 6–چېسلا بىر ئەرنى قولغا ئالغان، بۇ ئەر ئىككى كۈن بۇرۇن ۋاشىنگتون رايونىدا ئۈچ قېتىم قوراللىق ئوق چىقىرىش دېلوسى سادىر قىلىپ، ئۈچ ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ ئا...
08-05-2016
    تۈركىيە باش مىنىستىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى رەئىسى داۋۇت ئوغلۇ 5- ماي ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئەنقەر...
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
Powered by Leglek