يەر شارى خەۋەر تورى 2-ئاپرېل تېلىگراممىسى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: فرانسىيەدە چۈشۈپ كەتكەن ئايرۇپىلاننىڭ 2-قارا قۇتىسى بايقالدى، بۇ قارا قۇتىدا تېخنىكلىق ئۇچۇرلار بار ئىكەن. فرانسىيەنىڭ ئالپلەر رايۇنىدا چۈشۈپ كەتكەن Germanwings ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايرۇپىلاننىڭ 2-قارا قۇتىسى بۈگۈن تېپىلدى، مارسىيلا باش تەپتىشى برىيس روبىن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، A320 تىپلىق يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ 2- قارا قۇتىسىنىڭ تېپىلغانلىقى ۋە قارا قۇتىدا ئۇچۇشقا ئالاقىدار تېخنىكىلىق ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.
قازا يۈز بەرگەن كۈنى تېپىلغان تۇنجى قارا قۇتىدا ئاۋاز ھۆججەتلىرى بار بولۇپ، بۇ ئاۋاز ھۆججىتى ئىنچىكە تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، ياردەمچى ئۇچقۇچى ئاندرى لۇبىزنىڭ باش ئۇچقۇچى ھاجەتخانىغا بېرىش ئۈچۈن چىقىۋاتقاندا ئىشىكنى تاقىغانلىقى ۋە ئارقىدىنلا ئايرۇپىلاننى پەسلەشكە يۈزلەندۈرۈپ مەقسەتلىك چۈشۈرگەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى.
24-مارتتا بارسېلونا-دىسىلدورف ئارىسىدا ئۇچىۋاتقان ئايرۇپىلاندا 144 يولۇچى ۋە 6 نەپەر ئۇچقۇچى بولۇپ ھايات قالغان ھېچكىشى يوق ئىدى. ئايرۇپىلاننى قەستەن چۈشۈرگەنلىكى ئېنىقلانغان 27 ياشلىق گېرمانىيەلىك ياردەمچى ئۇچقۇچى ئاندرى لۇبىزنىڭ 6 يىل بۇرۇن روھىي چۈشكۈنلۈك سەۋەبىدىن داۋالانغانلىقى ئوتتۇرغا چىقتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved