پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىۋېتىدىغان تۆت خىل ئانا

         دائىم باشقىلاردىن كۆيۈمچان ئانا بالا تەربىيلەشتە مەغلۇب بولىدۇ دەپ ئاڭلايمىز. بىراق يەنە بىر نەچچە خىل ئانىلار بولۇپ، ئۇلار بالىلىرىنى ھەەدىدىن زىيادە ئەركىلەتمىسىمۇ، يەنىلا ئاسانلا قارشىلىشىش ئېڭى كۈچلۈك بالىلارنى تەربىيلەيدۇ.

 

 ئېلېكتىرونلۇق ئانا

       ئېلېكتىرونلۇق ئانا دېگىنىمىز ھەر كۈنى تېلىۋېزور، تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ئانا. بىكار ۋاقتى بولسىلا، مىكرو بىلوگ ۋە ئۈندىدارغا چىقىپ، ئاندىن كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرىنى كۆرۈپ، كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى قوغلىشىدۇ. ۋاقتنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ ئىشلارغا سەرپ قىلىۋەتسە، قايسى ۋاقىتتا بالىسى بىلەن ئويۇن ئوينايدۇ؟ بىر قېتىملىق بىۋاستە ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنالايدۇ؟ بالىلار بىلەن بىرگە بولىدىغان نۇرغۇن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن سىرت، بالىلارغىمۇ تەسىر يېتىدۇ، مەسىلەن بالىلارمۇ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالىمايدۇ. ئانىلىرىمىز ئەمدى بويتاق قىزلاردەك ئۇنداق ئەركىن ئەمەس، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئوينايدىغان ۋاقتىمىزنى بالىلارغا ھەمراھ بولۇشقا ئىشلىتەيلى.


 قاتتىق قول ئانا

     بەزى ئانىلار دائىم بالىلىرىنى مۇكەممەل تەرەققىي قىلسىكەن دەيدۇ، ئۆگىنىشى ياخشى بولۇشى كېرەك، يەنە نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بولۇشى كېرەك، بالىلىرى ئۈچۈن ھەر خىل ھەۋەس سىنىپلىرىنى تىزىملىتىدۇ، مۇزىكا، شاھمات، خەتتاتلىق، رەسىم سىزىشتىن باشقا يەنە جامبازلىق قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پىششىق بىلسىكەن دەيدۇ، نەتىجىدە بىراق ھېچقايسىنى ياخشى ئىگەللىيەلمەيدۇ. بالىلار ئەركىنلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاتا-ئانىلىرىمىز بالىلارغا چەكلىمە قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا بالىلىرىمىزغا مەلۇم دەرىجىدە ئەركىنلىك بېرىشى كېرەك، بولمىسا ئىختىساسلىق تالانت ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ يېتشتۈرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆز پەرزەنتىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلمەيدۇ.


 ھەۋەسخور ئانا

       باشقا ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتى دائىم ئەۋلىيادەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بەزى ئانىلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى ياخشى ئەمەس دېمەيدۇ، بىراق دائىم باشقىلارنىڭ بالىسىنى ئىلغار دەپ ماختايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بالىلاردا زېرىكىش ئويى پەيدا قىلىپلا قالماستىن بالىلارنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھەر بىر پەرزەنت ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يەككە ھالەتتە مەۋجۇت، بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە بالىلارنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.


 كەمتەر ئانا

       كەمتەر ئانىلار ئاسانلا بالىلارنىڭ تۇغما تالانتىنى چەكلەپ قويىدۇ، بەزىدە ئۆيىمىزگە مېھمان كەلگەندە، بالىلىرىمىز بىر قەدەر خۇش بولۇپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ << ئۇستا ماھارىتى >> نى كۆز-كۆز قىلغۇسى كېلىدۇ، بەزىدە ھەددىدىن زىيادە شوخلۇق قىلسا، بەزىدە خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، مېھمانلار پەرزەنتلىرىمىزنى ماختىسا، ئانىلىرىمىز دائىم << كەمتەرلىك >> بىلەن رەت قىلىدۇ، پەرزەنتلىرىمىزنى ئەيىبلىشىمىز بولسا چېكىدىن ئاشقان ساراڭلىق. ئەمەلىيەتتە، بالىلىرىمىزنىڭ كۆڭلى چوڭلارنىڭكىدىنمۇ بەكرەك نازۇك، ياخشى- يامانىىڭ چېگرىسىنى بەك ئېنىق ئايرىيدۇ، دائىم بالىلارغا<< كەمتەرلىك >> قىلىۋەرسەك بالىلىرىمىز ئىشەنچنى يوقىتىپ، بۇنىڭدىن زېرىكىش ھىس قىلىشى ياكى ئۆزىنى تاشلىۋېتىشى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
17-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-01-2016
        مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگەللىشىچە، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشىگە پەن تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بېرىش مەقسىتىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادمىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى يېزا ئىگ...
21-01-2016
       مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:...
20-01-2016
     مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى 19 ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە جەمئىي 66 كەسىپ كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسىپ ئەڭ ك...
18-01-2016
     تۇرسۇن ھۇشۇر ئائىلە قىرائەتخانىسدا كىتابلارنى رەتلىمەكتە    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيە ياتۇر يېزا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى تۇرسۇن ھوشۇر 2009-ي...
18-01-2016
    2016-يىلى 13-يانۋار سائەت 15:00 ئەتراپىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋېيياڭ شۆبىسى دامىڭگۇڭ ساقچىخانىسى چارلاش ساقچىلىرى تەۋەلىكىنى چارلاش جەريانىدا بىر قارا رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلىنىڭ سىگنال سىمىنى چىقىرىپ قويغانلىقىنى، ماشىنىدى...
18-01-2016
       كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، كورىيە مائارىپ گۈللەندۈرۈش ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر ئىلمىي ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، چاۋشىيەندىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋ...
15-01-2016
        خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي مائارىپ ۋە تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى كىرىسسي خانىم 14-يانۋار كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ۋە ئاۋات يېزا مەركىز...
15-01-2016
      خېجىڭ ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن خېجىڭ ناھىيەلىك «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى» ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىشلىق تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 14-يانۋار «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى»دا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائال...
15-01-2016
      13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئالتە كۈن قالغاندا، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مېھىرلىك پىدائىيلارغا ئەزا توپلاش پائالىيىتى قىزغىنلىق بىلەن داۋاملاشتى. تەڭرىتاغ تورى كۆپچىلىكنى مېھىرلىك پىدائىيلار ئەتر...
14-01-2016
            12-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپل...
Powered by Leglek