يەر شارى خەۋەر تورى 18-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما شەخسى تىۋىتتېر ھىساباتىدا تۇنجى قېتىم ئۇچۇر يازدى. ئوباما تۇنجى ئۇچۇرىدا «مەرھابا، تىۋىتتېر! مەن ھەقىقەتەن باراك، 6 يىلدىن كېيىن ئاخىرى ماڭا شەخسى ھىساباتىمنى بەردى» دەپ يازدى. ئوبامانىڭ دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 21:00 دىن باشلاپ 600 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار بولدى. ئوبامانىڭ تۇنجى ئۇچۇرى 100 مىڭدىن كۆپ ئابونت تەرىپىدىن ھەمبەھرىلەندى ۋە 140 كىشى تەرىپىدىن ياقتۇرۇشقا ئېرىشىلدى. تۇنجى ئۇچۇرىغا نۇرغۇن ئەگەشكۈچىسى ئىنكاس قايتۇردى. ئوباما بۇ يېڭى ھىساباتىدا ئۆزىنى «دادا، يولداش ۋە ئامېرىكىنىڭ 44-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى» دەپ تونۇشتۇرغان. باش سۈرىتىگە ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى چىقارغان، ۋە يان كۆرۈنىشىگە «قانلىق بازار» ۋەقەسىنىڭ 50 يىللىق خاتىرلەش ھەرىكىتىدە تارتىلغان بىر سۈرەتنى چىقارغان.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved