سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ب د ت ۋەكىلىنىڭ پىلانىنى رەت قىلدى

جاھان ئاگېنتلىقى 2-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيەنىڭ ھەلەبتىكى ئىنقىلابچى ئۆكتىچى كۈچلەر ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە ۋەكىلى ستافىن مىستۇرانىڭ پىلانىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھەلەب ئىنقىلابچى كۈچلەر ھەيئىتى ئەزاسى مۇھەممەد يەھيا نانا، تۈركىيەنىڭ غەزىئانتەپ ۋىلايىتىدىكى سۇرىيەلىكلەر مەكتىپىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھەلەبتىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئىنقىلابچى كۈچلەرگە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، نانا بۇ سەۋەبتىن مىستۇرانىڭ تەييارلىغان پىلانىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: « بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتنىڭ دۆلەتتە خىمىيلىك قۇرال ۋە خەلقئارا قانۇنغا قارشى ۋارىل بومبىسى ئىشلىتىشى ۋە دۆلەتتە ئىنسانى تراگىدىيە يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ب د ت ۋەكىلى مىستۇرانىڭ پىلانى، كېلىشكىلى بولىدىغان بىر پىلان ئەمەس. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىردەكلىككە كېلىنگەن كلىشىملەر بويىچە سۇرىيەدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ۋە ئەسەدنىڭ ۋەزىپىسىدىن چۈشۈشى بىلەن مىستۇرانىڭ پىلانى بىر بىرى بىلەن ماسلىشىدۇ. سۇرىيە ۋە خەلقى بىر پۈتۈندۇر، شەرقى گۇتا، دەرئا ۋە ھۇمۇستا تۆكۈلگەن قانلار بىلەن ھەلەبتە تۆكۈلگەن قانلار ئوخشاشتۇر، بىر بىرىدىن پەرقى يوق».
نانا، بۇ سەۋەبتىن مىستۇرا بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىپ، سۇرىيەدە ئەسەد ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشۈشى ۋە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلارنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى؛ «خەلقئارا جەمئىيەتتىن دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشى ۋە مەزھەبچى قۇراللىقلارنىڭ دۆلەتتىن چىقىرۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، خەلقىمىزگە سۇرىيەدە ئىنقلاب ئ‍ەمەلىيەتكە چىققانغا قەدەر كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېدى.

ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى ستافىن مىستۇرا ، ئۆكتەبىر ئېيىدا سۇرىيە كىرزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن يېڭى بىر تەكلىپ سۇنغان ئىدى؛«ھەلەبتىن باشلاپ باشقا رايۇنلاردا ئىجرا قىلىنىدىغان «توڭلىتىلغان رايۇن» قۇرۇش پىلانى ئۈستىدە مىستۇرا بىلەن سۇرىيە پرېزىدېنتى بەششار ئەسەد سۆھبەتتە بولدى.
پىلاندا ھەم ئەسەد ھۆكۈمىتى ھەم ئۆكتىچىلەر ھەلەبتىن باشلاپ بەلگىلەنگەن رايۇنلاردا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىدۇ. مىستۇرا بۇ توڭلىتىلغان رايۇنلارنىڭ كېيىنكى مۇزاكىرىلەر ئۈچۈن مۇقەددىمە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
پىلان ئىجرا قىلىنىش مەركىزى بولغان ھەلەب رايۇنى بىر قانچە ئايدىن بېرى ئەسەد ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنماقتا، ئۆكتىچىلەر ھەلەب رايۇنىنىڭ مەركىزىنى باشقا رايۇنلارغا تۇتاشتۇرىدىغان 4 كىلومىتىرلىق كارىدوردا قارشىلىق بىلدۈرمەكتە. ئەسەد ئارمىيسنىڭ قورشاۋغا ئېلىشى نەتىجىسىدە مىڭلىغان سۇرىيەلىك تۈركىيەگە كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا.



02-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek