ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .چەتئەل ئاخباراتچىلىقى يېقىندا خەۋەر بېرىپ ،تۈركىيىنىڭ بىر شىركىتى يېقىندا ئىشلىگەن بىر تۈك چۈشۈرۈش( سۈننەت مېيى (نىڭ ئېلانىنى ئىشلىگەندە ئۇقۇشماستىن خاتا ھالدا ھازىر تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان ‹باز تەشكىلاتى ›نىڭ ئەزاسى بولغان خالىدى شەيخ مۇھەممەدنىڭ سۈرىتىنى ئىشلەتتى دېگەن .
ئىسپانىيەنىڭ ‹دۇنيا گېزىتى › 11-ئاينىڭ 6-كۈنى چىقارغان خەۋىرىدە ،خالىدى شەيخ مۇھەممەدنى 9.11تېررورلۇق ۋەقەسىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان مۇھىم جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى دېگەن .
بۇ قېتىم تۈركىيە شىركىتى ئۇقۇشماستىن ئىشلىتىپ سالغان سۈرەت بولسا خالى شەيخ مۇھەممەدنىڭ 2003-يىلى پاكىستاندا قولغا ئېلىنغان چاغدا تارتىلغان سۈرىتى . سۈرەتتە ئۇنىڭ مەيدە تۈكى ئاپئاق كۆينىكىنىڭ سىرتىغا بىر ئاز چىقىپ قالغان بۇلۇپ ،ناھايىتى ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدىكەن .خەۋەر قىلىنىشىچە بۇ تۈركىيە شىركىتى ئىشلىگەن ئېلاندا خالى شەيخ مۇھەممەدنىڭ سۈرىتىنىڭ ئاستىغا ‹بۇ تۈكلەر ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كەتمەيدۇ ›دەپ ئېلان سۆزى يازغان .
شىركەت مەسئۇلى مۇخبىرلارغا چۈشەندۈرۈپ :‹ئەينى ۋاقىتتا بۇ سۈرەتنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەپ ئۇنىڭ بەدىنىدىكى يۈكنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر بىز شۇ سەۋەپتىن ئۇ سۈرەتنى ئېلانىمىزغا ئىشلەتتۇق ،ئۇنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس ،بىز بىلمەيتتۇق ›دېگەن .قۇشۇمچە قىلىپ بۇ سۈرەتنىڭ توردا ئېقىپ يۈرگەنلىكى تورداشلارنىڭ نۇرغۇن قىزىقارلىق باھا سۆزى يېزىپ يۈرگەنلىكى ئېيتىپ ئۆتۈلدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved