بىل گايتىس ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى قوللىمايدۇ

3-ئاينىڭ 14-كۈنى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پەيشەنبە كۈنى مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىس ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا كارخانا تەتقىقات مەركىزىدە كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە، نۇرغۇن خىزمەت ئورنى ئىش بىجىرىش ئورنى تەرىپىدىن ئاپتوماتىكلاشقان ھالدا ئورنىنى ئېگەللەيدۇ دەپ بىلدۈرگەن.

 

بىل گايتىس مۇنداق دېگەن:« يۇمشاق دېتال مەيلى شوپۇر، مۇلازىمەتچى ۋە ياكى سىستىرا بولسۇن بۇلارنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ھەمدە بۇلارنىڭ تۈرى داۋاملىق كۆپىيىۋاتىدۇ. پەن تېخنىكا خىزمەت ئورنىنىڭ تەلىپىنى ئاز قالدۇرۋاتماقتا، تۆۋەن قاتلاملىق تېخنىكىنىڭ خىزمىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.20 يىلدىن كېيىن ، نۇرغۇن تېخنىكىلىق ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياج چوڭ مىقداردا تۆۋەنلەيدۇ.ھازىرچە مەن كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن بولغان كۆز قارىشى تلۇق ئەمەس دەپ قارايمەن.»

 

بىل گايتىس يەنە مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر كەلگۈسىدە يەنە نۇرغۇن خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ يۇمشاق دېتال ئاپتوماتىكلاشقان تېخنىكا تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

 

بىل گايتىس بۇ كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان تۇنجى كىشى ئەمەس. بۇ يىل يانۋاردا « ئىقتىساد ئۆگەنگۈچى» ژۇرنىلى بىر تۈركۈم كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە يوقاپ كېتىدىغان خىزمەتلەرنى سىتاتىستىكىلاپ ئېلان قىلغان.بۇنىڭ ئىچىدە تېلىفۇندا تىجارەت قىلىش، كاسسىر ۋە پارچە سېتىش خىزمەتچىلىرى باركەن.

 

بىل گايتىسنىڭ قارىشىچە باجنى ئۆزگەرتىش نىسبىتى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ياللانما ئىشچىلارنى ئۆزگەرتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەككەن.مەسىلەن كىرىم بېجى ۋە ياللانما باجنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلار.

 

بىل گايتىس يەنە ئەڭ تۆۋەن مائاشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى قوللىمايدىكەن، ئۇ بۇنداق قىلشنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاپتوماتىك خىزمەت تەرىپىدىن ئىش ئورنى تارتىۋېلىنىدىغان ئىشچىلارغا خىرىس بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

 

بىل گايتىس مۇنداق دېگەن:« بىز ئەڭ تۆۋەن مائاشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەكمۇ ياقمۇ دېگەن مەسىلىنى مۇنازىرە قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم بولسا بۇ ئىش خىزمەت ئورۇنلىرىغا بولغان تەسىرنى ئاشۇرۋېتەمدۇ ياقمۇ دېگەن مەسىلە.مېنىڭچە بۇنداق قىلىش بەزى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولۇپ قالىدۇ، مەن ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىممۇ مۇشۇ.»

 

بىل گايتىس كەلگۈسى 20 يىلدا ئەمگەك كۈچى بازىرىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ، بىراق ھۆكۈمەت ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تېخىچە تولۇق بولغان ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىقى يوق ھەم تولۇقلايدىغان سىياسەتلىرىمۇ يوق.

 

ۋاڭيى تورى پەن تېخنىكىسى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى.

 

 

‏لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK



17-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek