رۇسىيە قىسىملىرى 9-مايدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلماقتا
جۇڭگو ئاخبارات تورى، 8-ئاپرېل تېلېگراممىسى: 8-ماي 2-دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان گېرمانىيەدە بۇ يىل كەڭ كۆلەملىك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، تارىخنى ئەسلىشىدۇ. باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە نىسىبەتەنمۇ بۈگۈن ئوخشاشلا خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان بىر كۈن بولۇپ، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەر قايسى جايلار پائالىيەت تەشكىللەپ، كىشىلەرنى ئۆتمۈشكە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىش، تىنچلىقنى قەدىرلەشكە دەۋەت قىلىدۇ.
شۇ يەر ۋاقتى 1945-يىلى 8-ماي بېرلىندا ناتسىست گېرمانىيەنىڭ «شەرتسىز تەسلىمنامە» ئىمزالىشى بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپا مەيدانىدا ئۇرۇش ئاياغلاشتى. بۇ يىل 8-ماي بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلىبە بىلەن ئاياغلاشقانلىقىغا 70 يىل بولغان خاتىرە كۈن. ناتسىست گېرمانىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرى ياۋروپا خەلقىگە چەكسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇ «غەرب ئىتتىپاقداش ئەللىرى»نىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلمىدى.
بىراق، گېرمانىيە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ناتسىست گېرمانىيە سادىر قىلغان جىنايەتلەرگە پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گېرمانىيەنىڭ چىن كۆڭلىدىن قىلغان توۋىسىنى نۇرغۇن دۆلەت قوبۇل قىلىپ، ئۇنى كەچۈرىۋەتتى، گېرمانىيەمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved