ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىش بىلەن زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى ئوتتۇرسىدىكى قارشىلىشىش ۋە سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلماسلىق، بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەت كرىزىس يۈز بېرىش گىردابىغا بېرىپ يەتتى.
ئافغانىستاننىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆكتىچى گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى ئابدۇللا، ئابدۇللا 8-ئىيۇل مۇنداق دېدى: مەن زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىمەن ھەمدە ئاخىرغىچە قارشىلىشىمەن. بۇندىن بىر كۈن ئىلگىرى ئېلان قىلغان نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، سابىق مالىيە مىنىستىرى ئەشرەف غەنى كۆرۈنەرلىك ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئافغانىستان ۋەزىيىتى كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ قويۇشى مۇمكىن، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى تەسىر كۈچى ئاجىزلاۋاتقان ئەھۋالدا، ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى تەرەپلەر يېڭى رامكا ئۈستىدە مۇرەسسەلىشىپ ۋە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۈتكۈل دۆلەتنىڭ كرىزىس ئىچىگە كىرىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
ئابدۇللا ئىزچىل تۈردە 2-نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتە كۆز بويامچىلىق ھەرىكەتلىرى ساقلاندى، دەپ ئەيىبلەپ كەلدى. نۆۋەتتە، ئافغانىستاندا بىر قىسىم پارچىلىنىش سۆز ھەرىكەتلىرى كۆرۈلدى، بۇ مەملىكەت ئىچى جامائەتچىلىكىنىڭ كەڭ دائىردە دىققىتىنى قوزغىدى.
ئابدۇللا 8-ئىيۇل كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە باشقا ھۆكۈمەت قۇرۇش قۇرماسلىقىنى قارار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى ئابدۇللانىڭ قوللىغۇچىلىرى پايتەخت كابۇلدىكى خەلق پارلامېنتى زالىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەت تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئابدۇللا مۇستەقىل سايلام كومىتېتى، غەنى گۇرۇھى بىلەن ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزائى تىل بىرىكتۈردى، دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ئۆزىنى ئاخىرغىچە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. غەنى كۆپ قېتىم، ئۆزىنىڭ ئېرىشكەن ئاۋازىنىڭ پاكلىقىنى ۋە نازارەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنى ئىنكار قىلدى ھەمدە ھەر قانداق مۇرەسسەلىشىش شەرتلىرى ئۈستىدە كېڭەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئافغانىستانلىق سىياسىي تەھلىلچى ئۈمىد مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئافغانىستان سايلىمىغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپ كۈچلىرى كۆرۈنەرلىك بۆلىنىش ئىچىگە كىرىپ قالدى، بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبلەر ئافغانىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ زىددىيىتىنى ياراشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىقى ۋە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئافغانىستاندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سايلام رامكىسىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كەمچىلىكىنى ۋە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
شۇ جايدىكى جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : سايلامدىن كېلىپ چىققان داۋالغۇش ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە بىر قارا كۆلەڭگە پەيدا قىلدى. 2-نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشدىن كىيىن، ئابدۇللانىڭ قوللىغۇچىلىرى كۆپ قېتىم كابۇل كوچىلىرىغا چىقىپ، ئاۋاز بېرىشتىكى ساختىلىققا ئېتىراز بىلدۈردى، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىمۇ يۈز بەردى.
ئۈمىد مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرسىدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشىنىڭ يۈز بېرىش بەرمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇندىن باشقا، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىتىكى قالايمىقانچىلىق ئافغانىستان تالىپانلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن.
ئافغانىستان تالىپانلىرى جەنۇبىي قىسىمدىكى قەندىھار ئۆلكىسىدە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن يېرىم ئايغا يېقىن ئۇرۇش قىلىپ، ھازىر بىر قىسىم رايونلارنى قولغا چۈشۈردى ۋە كونترول قىلدى. شۇ يەردىكى ئەمەلدارلار مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئامانلىقنى ساقلاش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشىنى ئىزچىل تۈردە مۇراجەت قىلدى. بىراق بۈگۈنكى كۈنگىچە بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇلمىدى. ئۇندىن باشقا، پاكىستان ئارمىيە تەرەپ يېقىندا پاكىستاننىڭ شىمالىي رايونىدا تازىلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى، كۆپلىگەن مۇساپىرلار چېگرا ئارقىلىق ئافغانىستانغا كىردى، بىر قىسىم قۇراللىق خادىملارمۇ ئافغانىستانغا كىردى.
ئۈمىد مۇنداق دېدى: ئارمىيە ۋە ساقچىلار دىققىتىنى نامزاتلارغا ۋە يەرلىكنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا بۇرىغاندىن كىيىن، شەھەر ئەتراپى ۋە يېزا رايونلىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىدى. بۇ تالىپانلارنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاكىستاندىكى قۇراللىق كۈچلەرنى تازىلاش ۋە چېگرىدىن قوغلاش ھەرىكىتى، ئافغانىستاندىكى قۇراللىق كۈچلەرنى خادىملار بىلەن تولۇقلىدى. بۇ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە بېسىم ئېلىپ كەلدى.
ئابدۇللا 8-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مەن بىلەن تېلېفونلاشتى . ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىمۇ مۇشۇ ھەپتە ياراشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئافغانىستانغا بارماقچى. ئامېرىكا ئاق ساراي ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتىكى كرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، ئوبامانىڭ ئافغانىستاندىكى بۇ ئىككى زۇڭتۇڭ نامزاتى بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 8-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاندىكى كۈچلەرنىڭ باشقا ھۆكۈمەت قۇرۇشىغا يۈكسەك دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئافغانىستان بۆلۈنۈش ھالىتىگە كىرىپ قالىدىغان بولسا، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى بارلىق ياردىمىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ياراشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئافغانىستان جامائەتچىلىكى ئومۇميۈزلۈك ياقتۇرمىدى. ئۇلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغانلىق بولۇپ، ئافغانىستانغا سىياسىي جەھەتتىن ئارىلاشقانلىقىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. زۇڭتۇڭ كارزائى ئۆتكەن يىلى ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى ئىمزالاشنى رەت قىلغاندىن كىيىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تۆۋەنلىدى. بۈگۈنكى كۈندە زۇڭتۇڭ سايلىمى مۇساپىسى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمىدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : ئافغانىستان ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ۋە نامراتلىق ئىچىگە كىرىپ قالغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەنىمۇ ياردەم بېرىشىگە موھتاج. ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ساقلىيالماسلىقى، ئۇنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ھەر قايسى سىياسىي كۈچلەر بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ساقلىيالماسلىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قانداق ھەمكارلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، نۆۋەتتىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بۇ يول يەنىلا جاپالىق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved