جۇڭگۇدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىر باشلىقى سىۋانلاجىي ھىندىستان تاراتقۇلىرى كۆز تىكىۋاتقان جۇڭگۇ –ھىندىستان مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى ئوبرازغا ئايلاندى .
«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» 2-ئاينىڭ 1- كۈنى ، جۇڭگۇنىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «قائىدە»نى بۇزۇپ تاشلاپ ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيسى سىۋانلاجىي بىلەن زىيارەتتە بولدى، جۇڭگۇنىڭ دۆلەت رەئىسى باشقا دۆلەت دىپلوماتىيسىنى بىلەن ناھايىتى ئاز زىيارەت قىلىپ بارىدۇ، ئادەتتە جۇڭگۇ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى باشقا دۆلەت دىپلوماتلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ .
جۇڭگۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى ئاشكارىلىشىچە جۇڭگۇ- روسىيە- ھىندىستان دىپلوماتىيە باشلىقلىرى 13- نۆۋەتلىك يىغىنى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدىكەن ، جۇڭگۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باشلىقى ۋاڭيى ، روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى لافلوف ، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىتىرلىقىنىڭ باشلىقى سىۋانلاجى رىياسەتچىلىك قىلدىكەن .
ھەممىگە مەلۇمكى ، سىۋانلاجىنىڭ بۇ قېتىىمقى زىيارەت باش تېمىسى بولسا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىكىنىڭ بۇيىل 5- ئايدا ئېچىلماقچى بولغان تۇنقى قېتىملىق جۇڭگۇ زىيارىتىنىڭ ئالدىنقى تەييارلىقى ، بۇلتۇر رەئىس شىجىنپىڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved