جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتىلقنىڭ 5-ئاينىڭ4-كۈنى موسكىۋادىن بەرگەن تېلگىراممىسى، ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبى قىسمدىكى ئوداسادا كۆپ قېتىم توقۇنۇش يۈز بېرىپ كۆپلىگەن خادىملارنىڭ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كىيىن، روسىيە پىرىزدېنتى پۇتىن 4-چېسلا تۇنجى قېتىم رەسمىي ھالدا ۋەزىيەتنى قانداق قىلىپ تىزگىنلەش ھەققىدە ئىپادە بىلدۈردى.ئۇ شۇكۈنى گىرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل بىلەن تېلفۇندا سۆھبەتلىشىپ كىيىۋ ھۆكمىتىنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى نامايىش قىلغۇچىلار بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلغان.
كېرمىل سارىينىڭ دەلىللىشچە، پۇتىن بىلەن مېركىل 4-چېسلا ئەسلدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسان تېلفۇندا سۆھبەتلىشىپ،ئاساسلىقى ئۈلۈكسىز داۋام قىلىپ كېلۋاتقان ئۇكرائىنا ۋەزىيتى توغرىسدا مۇلاھىزلەشكەن.روسىيە تەرەپنىڭ دىيشىچە، پۇتىن بىلەن مېركىل ئورتاق ھالدا خەلقئارالىق تەدبىر قوللىنىشنىڭ مۇھىملقنى تەكىتلىگەن بۇلۇپ، بىرىنجى قەدەمدە ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئورتاق كۈچ چىقرىپ ئۇكرائىنانىڭ جىددى ۋەزىيتىنى پەسەيتش كىرەك دەپ كۆرسەتكەن .روسىيە تەرەپنىڭ يەنە ئاشكارلشىچە،كېڭشىش ئۆتكىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى شىۋىتسارىيە فېدراتسىيەسىنىڭ پىرىزدېنتى ھەم ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بوكخارت موسكىۋانى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئېلىپ بېرىلدىكەن.
پۇتىننىڭ تەكىتلشىچە، كىيىۋ ھۆكمىتى چۇقۇم ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمدىكى نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كىرەك ئىكەن.
5-ئاينىڭ2-كۈنى ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم شەھەر ئوداسادا كەسكىن توقۇنۇش ۋە ئوت قۇيۇش ئىشلىرى يۈز بەرگەن ،روسىيە تەرەپنىڭ 4-چېسلادىكى ئەڭ يېڭى سىتاستىكا قىلشىغا ئاساسلانغاندا توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 46 ئادەم بۇلۇپ، بۇندىن باشقا نەچچە يۈز ئادەم يارلانغان.
پۇتىن بىلەن مېركىل 4-چېسلا بۇندىن بۇرۇنقى ياۋروپا ئىتتىپاقى ،روسىيە،ئۇكرائىنا ئۈچ تەرەپنىڭ روسىيە تەبئىي گېزىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسدىكى كېڭەشكە قارىتا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.
ئوچۇق-ئاشكارا ئۇچۇردا كۆرسىتىلشچە، پايدا -مەنپەئەت تەرەپتىكى كېلشەلمەسلىك تۈپەيلى 5-ئاينىڭ2-كۈنى پولشانىڭ ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى،روسىيە،ئۇكرائىنانىڭ تەبئىي گاز توغرىسدىكى كۆپ تەرەپلىك كېڭشىشى ئوڭۇشلۇق كېلشىم تۈزەلمىگەن.ئۈچ تەرەپ بەلكىم يەنە سۆھبەت ئېلىپ بېرشى مۇمكىن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved