ئىراق زۇڭلىسى ئابادى تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتنىڭ ئىراقنىڭ مۇھىم بازىرى رامادىنىڭ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلەن ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغانلىقىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئابادى شۈ كۈنى ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «كات ئىلگىرى ئىراقنى ناھايىتى قوللىغان، مەن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق پوزىتسىيەدە بولغانلىقىدىن چۆچۈدۈم. مەن ئۇنىڭ خاتا ئۇچۇر بەرگەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئابادى مۇنداق دېدى: رامادى قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ئۇ تېخىمۇ ئېغىر بېسىق بولۇپ كەتتى. ئىراق ئارمىيەسى بىلەن شىئە مەزھىپى ۋە سۈننىي مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرى رامادىنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى تەدرىجىي قايتۇرۇۋېلىشقا باشلىدى. مۆلچەرلىنىشچە، رامادىغا بىرقانچە كۈن ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغايدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved