1. پۇرچاق سۈتىنىڭ تەبىئىيىتى سوغۇق، شۇڭا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەر پۇرچاق سۈتىنى كۆپ ئىچمەسلىكى، جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان سىرتقى دىۋارى ياللۇغى ئاغرىقلىرى پۇرچاق ياسالمىلىرىنى يېمەسلىكى كېرەك.
2. پۇرچاق سۈتىگە قارا شېكەر سالماسلىق كېرەك. چۈنكى قارا شېكەردىكى ئورگانىك كىسلاتا پۇرچاق سۈتىدىكى پىروتېئازا بىلەن بىرىكىپ، بەدەنگە ئاسانلىقچە قوبۇل قىلىنمايدىغان بەزى ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، تاتلىق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئازراق ئاق شېكەر قوشسا بولىدۇ.
3. پۇرچاق سۈتىنى چايداندا ساقلىماسلىق كېرەك. چۈنكى چايداندىكى ئىللىق نەملىك باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پۇرچاق سۈتىدىكى سوئاپتوكسىنلار(سوپۇن زەھىرى) چايداندىكى سۇ دۇغلىرىدا ئېرىيدىغان بولغاچقا، سالامەتلىككە زىيانلىق.
4. پۇرچاق سۈتى ئادەتتە دادۇر قاتارلىق پۇرچاق تۈرىدىكىلەردىن ياسىلىدۇ، دادۇرنىڭ تەركىبىدە پۇرىننىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ، تەبىئىيىتى سوغۇق، شۇڭا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، ماغدۇرسىز، تېنى ئاجىز كىشىلەرگە پۇرچاق سۈتى ماس كەلمەيدۇ.
5. پۇرچاق سۈتىنى چوقۇم قاينىتىش، قاينىتىش جەريانىدا قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئېچىۋېتىش كېرەك، شۇندىلا پۇرچاق سۈتىدىكى زىيانلىق ماددىلار ھور بىلەن چىقىپ كېتىدۇ.
6. پۇرچاق سۈتى ئىچكەندە ئېرىترومىتسىن (خوڭمېيسۇ) قاتارلىق ئانتىبىيوتىك تۈرىدىكى دورىلارنى ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئىككىسى ئۇچراشسا خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ. پۇرچاق سۈتى بىلەن ئانتىبىيوتىك تۈرىدىكى دورىلارنى ئىچىش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى بىر سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك.
7. داۋاملىق پۇرچاق سۈتى ئىچىدىغان كىشىلەر سىنك تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. پۇرچاق سۈتىدە ئىنگىبىتور (تىزگىنلىگۈچى رېئاكتىۋ)، سوئاپتوكسىن (سوپۇن زەھىرى) ۋە سىرتقى مەنبەلىك ئاگگليۇتىن (ئۇيۇتقۇچى ماددا) قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددىلار بولىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى پۇرچاق سۈتىنى چوقۇم قاينىتىش ھەم سىنك تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved