بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرت يېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۈچ ناچار ئادەت

بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرت يېيىش ئاتا – ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە. بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرت يېيىشنى تۆۋەندىكىدەك ناچار ئادەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1. تاماق تاللاش
تاماق تاللاش ئادىتى بالىلارنىڭ پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە چىشىغىمۇ زور زىيان يەتكۈزىدۇ. بالىلار ئادەتتە بولكا، پېچىنە – پىرەنىك، كەمپۈت قاتارلىق تاتلىق، ئاسان ئۇۋىلىدىغان، ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاسان ئۇۋىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئېغىز ئىچىدىكى چاينىلىش ۋاقتى قىسقا، سۈركىلىش ئاز بولغانلىقتىن، چىش سۈركىلىش ئارقىلىق تازىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ؛ يېمەكلىكنى چايناش شۆلگەي بېزىنىڭ شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە، چايناش قېتىم سانى ئاز ۋە چايناش ۋاقتى قىسقا بولغاندا ئېغىزدىكى شۆلگەينىڭ ئاجرىتىلىش مىقدارىمۇ ئاز بولىدۇ. شۆلگەي چىشنىڭ تاشقى قەۋىتىنى يۇيۇش ۋە پاكىزلاش رولىغا ئىگە. تاماق تاللايدىغان بالىلار ئادەتتە تاتلىق، ئۇششاق – چۈششەك ۋە قەنت تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ، بەزى بالىلار كەچتە قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغان سۈت مەھسۇلاتلىرى ياكى يېپىشقاق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ۋە بۇ نەرسىلەرنى يېگەندىن كېيىن چىشىنى چوتكىلىمىغانلىقتىن يېمەكلىك قالدۇقلىرى ئاسانلا چىشقا توپلىنىپ قالىدۇ. ئۇخلىغاندا نۇرغۇن شۆلگەي بەزلىرى شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرىشتىن توختىغانلىقى ئۈچۈن شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ چىشنى يۇيۇش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ – دە، چىشنى ئاسان قۇرت يەيدۇ.
2. تاماقنى بىر تەرەپتىلا چايناش
نورمال ئەھۋالدا يېمەكلىك چاينىغاندا ئىككى تەرەپتىكى چىش نۆۋەتلىشىپ ئىشلىتىلىدۇ. بەزى بالىلار كىچىكىدىن يېمەكلىكنى بىر تەرەپتىلا چايناشتەك ناچار ئادەتنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ بۇنداق بالىلارنىڭ چىشى رەتلىك ئۆسمەيدۇ. يەنى ئىشلىتىلمىگەن تەرەپتىكى چىش يېمەكلىك چاينىمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ چىشنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تازىلاش رولى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، سىرتقى يۈزىگىمۇ نۇرغۇن يېمەكلىك قالدۇقلىرى توپلىنىۋېلىپ، بۇ يەردە باكتېرىيەلەر ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، نەتىجىدە چىشنى قۇرت يەيدۇ.
3. تۇراقلىق چىش يېڭىلا چىققان چاغدىكى ناچار ئادەت
سۈت چىش بوشاپ، تۇراقلىق چىش چىقىش ئالدىدا بەزى بالىلار تىلى بىلەن يېڭى چىققان تۇراقلىق چىشنى يالايدۇ؛ دائىم زۇكام بولۇش سەۋەبىدىن بەزى بالىلارنىڭ بۇرنىدا نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئېغىزىنى ئېچىپ نەپەس ئالىدۇ؛ بەزى كىچىك بالىلار دائىم بارمىقىنى شورايدۇ؛ بەزى قىزلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە لېۋىنى چىشلەيدىغان ئادىتى بولىدۇ؛ يەنە بەزى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قېرىنداشنىڭ ئۇچىنى چىشلەش، تىرنىقىنى غاجاشتەك ناچار ئادەتلىرى بولىدۇ.يۇقىرىقى ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى بالىلاردا چىش قىڭغىر ئۆسۈش، چىش ئارىلىقى كەڭ بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاماق يېگەندە يېمەكلىك قالدۇقلىرى ئاسانلا چىشقا كىرىۋېلىپ، باكتېرىيەلەر پەيدا بولىدۇ–دە، چىشنى قۇرت يەيدۇ.
چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل
كامارنى ئېتىش بالىلارنىڭ چىشىنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. بالىلارنىڭ چىشىغا بىر قەۋەت ئاسرىغۇچى كىيىم كىيگۈزۈلگەندە چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كامارنى ئېتىش دېگەن ئۇقۇمنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن،ئۇنداقتا كامارنى ئېتىش دېگەن زادى قانداق ئىش؟ كامارنى ئېتىشنىڭ بالىلارنىڭ چىشىغا نىسبەتەن قانداق رولى بار؟
ئۈستى – ئاستى ئېزىق چىش (چوڭ چىش) لارنى چىشلەپ جىپسىلاشتۇرغاندا شەكىللەنگەن ئويمان – دۆڭنىڭ ئىچىدىكى ئويمان ئورۇن كامار، دەپ ئاتىلىدۇ، كامارنى ئاسانلىقچە تازىلىغىلى بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭغا باكتېرىيەلەر يىغىلىۋالىدۇ، نەتىجىدە كامارنى قۇرت يەيدۇ.
كامارنى ئېتىش دېگەندە كامارغا دورا سۈرۈش، ئېزىق چىشلارنى جىپسىلاشتۇرغاندىن كېيىن پەيدا بولغان كامارنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا ئاساسەن دورىنىڭ قېلىنلىقىنى بەلگىلەشنى كۆرسىتىدۇ. دورا سۈرۈلۈپ بولغىنى كامارنىڭ تولۇق ئېتىلگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كامارنى تولۇق ئېتىۋەتكەندە يېمەكلىك قالدۇقلىرى ۋە باكتېرىيەلەر چىشنى چىرىتالمايدۇ، كاماردا قېپ قالغان باكتېرىيەلەرمۇ تاشقىي دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنەلمەي ئۆزلۈكىدىن ئۆلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كامارنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
كامارنى ئېتىش ئۇقۇمى چەت ئەللەردە 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار چىش ئاسراش ئۇقۇمىنى ئاستا - ئاستا قوبۇل قىلىپ، كامارنى ئېتىشنىڭ چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.
كامارنى ئۈچ قېتىم ئېتىش كېرەك
كامارنى ئېتىش تېخنىكىسى دېگەنلىك ماتېرىيالنى بالىلار چىشىنىڭ كامىرىغا سۈرۈشتىن ئىبارەت، نۆۋەتتە نۇرغۇن ئاتا – ئانىلاردا بۇ تېخنىكىدا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيالنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەت خاتىرجەم بولالمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.
كامارنى ئېتىشكە ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. بىر خىلى، ئەينەك ئىئون تۈرىدىكى ئېتىش ماتېرىيالى، بۇ خىل ماتېرىيال ئۆسۈشى ئىنتايىن ناچار، نىسبەتەن نەم بولغان چىشلارغا ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان بالىلارنىڭ چىشىغا ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بىر خىلى، يۇقىرى مولېكۇلىلىق دېۋىرقاي تىپىدىكى ئېتىش ماتېرىيالى، بۇ ماتېرىيال چىشنىڭ سىرتقىي يۈزىدە سۇ بولسا ئاسان چاپلاشمايدۇ، شۇڭا چىشنىڭ قۇرۇق بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. يۇقىرىقى ئىككى خىل ماتېرىيالنىڭ ھەممىسى بىخەتەر، ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز بولۇپ، ئاتا – ئانىلار خاتىرجەم ئىشلەتسە بولىدۇ.
بالىلارنىڭ چىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى ئۈچۈن كامارنى ئېتىش مەشغۇلاتىنى ئۈچ قېتىم ئېلىپ بېرىش كېرەك. 3- 4 ياش ۋاقتىدا سۈت چىشنى بىر قېتىم ئېتىش، 6 – 7 ياش ۋاقتىدا تۇراقلىق چىشنى 1 – قېتىم ئېتىش، قالغان تۇراقلىق چىشنى 11 – 12 ياشتا ئېتىش كېرەك. سۈت چىشنى ئېتىشتىكى مەقسەت تۇراقلىق چىشنىڭ سۈت چىش بىلەن نورمال ئالمىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق تۇراقلىق ئېزىق چىشلار تولۇق چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىككىنچى قېتىملىق كامارنى ئېتىش مەشغۇلاتىنى قىلىش كېرەك.



خەتكۈچلەر:
07-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
20-05-2016
    تەپتىش ئورگانلىرى قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارەتكە چېتىشلىق 125 گۇماندارنى قولغا ئالدى، ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت سادىر قىلغان 37 ئادەمگە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى تەستىقلىدى. مۇخبىرنىڭ 20-چېسلا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى...
20-05-2016
    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 19- ماي جەنۋەدە ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا مۇنداق دېگەن: يەر شارى نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمرى 2000- يىلدىن 2015- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 5 ياش چوڭىيىپ، 71.4 ياشقا كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ...
20-05-2016
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 19-ماي ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن ئون بەش يىلدا يەرشارى ئوتتۇرىچە مۆلچەر ئۆمرى بەش ياش يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، دېدى. بۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيە ئاياللىرى ۋە شىۋېتسارىيە ئەرلىرىنىڭ مۆلچەر ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن، ئايرىم-ئا...
19-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا شىمالىي كارولىنالىق بىر ئايال ھامىلدار بولغىنىغا توققۇز ئاي بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلىپ، تەخمىنەن 45 كىلوگىرام ئېغىرلى...
18-05-2016
يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قىسمى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ كېلىشىملىك مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 2016 – يىللىق ئاساسىي قاتلام ساقلىق ساقلاش خىزمىتى يىغىنى يېقىندا ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاسا...
17-05-2016
ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 16- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى تۇنجى كۆپىيىش ئەزاسى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئۆتكەن ھەپتە غەلىبىلىك تاماملانغان. 64 ياشلىق ئەر توماسنىڭ ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى روھى ھالىتى ناھاي...
16-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    جۇڭگولۇق بىرى يەر شارى بويىچە تۇنجى باش ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ۋاقتى ۋاقتىنچە 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوپېراتسىيە قىلىش بېكىتىلدى. جۇڭگو گېزىتى تورىنىڭ 15- ماي خەۋىرى: «ھىندىس...
15-05-2016
خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات ئورنى 1965-يىلىدىن باشلاپلا راك كېسىلى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن. بۇ ئورگان يېقىندا راك كېسلىنى پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنى تۆت دەرىجىگە بۆلۈپ چىققان، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يېمەك-ئىچمەك ب...
15-05-2016
1. سۈت تەركىبىدە ئادەمدە چارچاش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان قىزىق سۈت ئىچىۋېتىپ ياتسا، تېز ئۇخلىغىلى بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ ئۇيقۇسىزلىقىغا نىسبەتەن ئ...
15-05-2016
خەلق تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر كىچىك تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار ئەيدىز ۋىرۇسىدىكى يېڭى بىر نۇقتىنى ۋە بۇ خىلدىكى ئانتىتېلانىڭ تە...
Powered by Leglek