پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
خان مادرىد ئورگان تەرەپ ئىتالىيەلىك مەشقاۋۇل ئانچىلوتتىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدا خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ رەئىسى فىلورىنتىنو مۇنداق دېدى :« ئانچىلوتتى كۇلۇب تارىخىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى، چۈنكى ئۇ كوماندىنى يېتەكلەپ كۇلۇپ تارىخىدىكى 10-ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشتۈردى.»
فىلورىنتىنو يەنە مۇنداق دەيدۇ :« ئانچىلوتتى ھېچقانداق ئىشنى خاتا قىلمىدى، توپچىلارمۇ ئۇنىڭ داۋاملىق مەشقاۋۇللۇق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق بىز يەنىلا بۇ قارارنى چىقاردۇق، چۈنكى بىزنىڭ قارىشىمىزچە تېخىمۇ قابىلىيەتلىك مەشقاۋۇل كوماندىنى يېتەكلەپ تېخىمۇ كۆپ چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشتۈرىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا فىلورىنتىنو يەنە مەشقاۋۇل ئالماشتۇرىدىغان ئىشنى كوماندىنىڭ كاپىتانلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەنلىكىنى ، يېڭى مەشقاۋۇلنىڭ كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى خان مادرىد ئورگان تەرەپ ئانچىلوتتىنىڭ مەشقاۋۇللۇققا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. كوماندىغا قۇشۇلغان تۇنجى يىلىلا ئانچىلوتتى كوماندىنى يېتەكلەپ بارسېلونا بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە غەلبە قىلىپ شاھلىق لوڭقىسىغا ئېرىشتۈرگەن. ئاندىن ئۇ يەنە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ خان مادرىد تارىخىدىكى 10-ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن.
ئىككىنچى مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەزگىلىدە ئانچىلوتتى كوماندىنى يېتەكلەپ ئۇدا 22 مەيدان غەلبە قىلىشتەك شانلىق تارىخ ياراتقان. بىراق تېز كەلگەن نەرسە تېز قولدىن كەتكەندەك بۇ شانلىق تارىختىن كېيىن خان مادرىد ئاۋۋال بىر شەھەردىكى رەقىبى مادرىد رىقابەتكە ئۇتتۇرۇپ شاھلىق لوڭقىسىدا شاللىنىپ كەتتى. ئاندىن يەنە بىرلەشمىدە بارسېلونانىڭ كەينىدە قېلىپ ئاخىرىدا بىرلەشمە چېمپىيۇنلۇقىدىنمۇ مەھرۇم بولدى. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىدىمۇ يېرىم ھەل قىلغۇچتىلا شاللىنىپ كەتتى.
ئاخىرىدا قۇپقۇرۇق بىر پەسىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۇدا 22 مەيدان غەلبە قىلىش، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاتارلىقلار ئانچىلوتتىنىڭ خان مادرىدتىن ئايرىلىدىغان تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى، چۈنكى بۇلار خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئەمەس.
خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ بۇ پەسىلدىكى بارلىق رەسمىي مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى. ھازىر كۇلۇب تېخى يېڭى مەشقاۋۇلنىڭ نامزاتىنى ئېلان قىلمىدى. بىراق ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئىسپانيىلىك مەشقاۋۇل بېنىتىسنىڭ مەشقاۋۇلبولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ئانچىلوتتى بولسا مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبىنى ياكى ئا س مىلان كۇلۇبىنى يېتەكلەيدىكەن.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved