جەنۋەدە سۇرىيە ئۇچرىشىشى بۈگۈن باشلىنىدۇ

جاھان ئاگېنتلىقى 5-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم يۈرگۈزىدىغان ئۇچرىشىش يىغىنى بۈگۈن شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە باشلىنىدۇ. ئۇچرىشىش 5-6 ھەپتە داۋاملىشىشى مۇمكىن. ب د ت جەنۋەدىكى مۇزاكىرەلەرنىڭ دەسلەپكى تۈرىنىڭ 5-6 ھەپتە داۋاملىشىشى پىلانلانماقتا. ئۇچرىشىش تۇنجى كۈنى تۈۋەن سەۋىيەدە باشلىنىشى مۇمكىن ئەمما ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە دىپلوماتىيە قاتناش قىستىلاڭچىلىقى يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن. ب د ت باش كاتىبى باياناتچىسىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ب د ت سۇرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستافىن دى مىستۇرانىڭ مۇزاكىرەلەرگە ئىمكانقەدەر كۆپلىگەن تەرەپنى تەكلىپ قىلغانلىقى، تەكلىپ قىلىنغانلار ئارىسىدا سۇرىيە ھۆكۈمىتى، سۇرىيە ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى. تۈرلۈك جەمئىيەت ۋەكىللىرى، رايۇنلۇق ۋە خەلقئارالىق تەرەپلەرمۇ بار. دېيىلگەن. سۇرىيە ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى جەنۋە ئۇچرىشىشغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مۇزاكىرىدە سۇرىيەدىكى كىرزىس ھەققىدە توختىلىپ، جەنۋە باياناتنامىسىنىڭ قانداق ئەمەلىيلىشىشى ھەققىدە ھەر قايسى تەرەپلەر قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ، مىستۇرا ۋە ياردەمچىسى رەمزى زەلدىن رەمزى بارلىق تەرەپلەر بىلەن ئ‍ايرىم-ئايرىم ئاخباراتقا چەكلەنگەن ھالەتتە ئۇچرىشىدۇ.
مۇزاكىرە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىستۇرانىڭ، سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەلەپلىرى ۋە ئۆز تەۋسىيەسىگە ئالاقىدار تەييارلايدىغان دوكلاتى ب د ت باش كاتىبى بان كىمونغا سۇنۇلىدۇ. جەنۋەدىكى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان تەرەپلەرنىڭ 10 دىن كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. تەكلىپ قىلىنغانلار ئارىسىدا ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى دائىمى ئەزالىرى بىلەن بىرگە ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبستانمۇ بار.



خەتكۈچلەر:
05-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك سىياسى سوئال-جاۋابلىق ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئىندىياننا شىتاتىدا 3- ئاپرېل مۇھىم نامى ئاتى...
02-05-2016
    «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ 29- ئاپرېل ئىرۇسالىمدا «جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە ھەيئىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى»غا رىياسەتچىلىك قىلغان ب...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شىتاتى كوتلاندىكى بىر قاقاس بازارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيادىن كەلگەن ئىمپورت ماللار كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، بۇ بازاردىكى زاۋۇتلارنىڭ سودىسى ئېغىر زەربىگە ...
02-05-2016
    ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە 1-خانىم مىچېل 1-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى مارىيە (Malia Obama) نىڭ 2017- يىلى كۈزدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇشقا كىرىد...
01-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، قىرىمدا «رۇسىيە كىچىك قوغدىغۇچىسى» مېدالى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، مۇراسىمدا قىرىم گۈزەل تەپتىش ئەم...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سا...
01-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيە پادىشاھى كارىل 16-گۇستاف (Carl XVI Gustaf) شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 70 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالدى، شىۋېتسىيە خان جەمەتى ۋە پۇقرالار شۇ كۈنى پايت...
01-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، پاكىستان لاھور، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىكى پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىت...
01-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» (IS) بىلەن مۇناسىۋىتى بار خاككېرلار تەشكىلاتى تور ھۇجۇمى نىشانىنى 3000 نەپەر ئادەتتىكى نيۇيورك ئاممىسىغا قاراتقان، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئ...
01-05-2016
پىرېزىدېنت تۈزۈمى       پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ. ئىككىنچى،...
Powered by Leglek