ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، باش ئىشتابى ئەنگلىيەگە جايلاشقان سۇرىيە ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتى بىلدۈرۈشىچە، سۇرىيەدىكى ئاشقۇن تەشكىلاتى «ئىسلام دۆلىتى» شۇ جاي ۋاقتى 18-يانۋار سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى دىيېر زور شەھىرىگە يېقىن رايوننى ئىشغال قىلغان.
ئىنسانىي ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دېيىشىچە، ئىشغال قىلىنغان رايون دىيېر زورنىڭ شىمالىدا بولۇپ، بىر ھەربىي بازا ۋە بىر قورال-ياراق ئامبىرى بار ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»دىن قىسمەن رايون ھەمدە بىر قىسىم ھاۋا ئارمىيە بازلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاشقۇن تەشكىلاتمۇ دىيېر زور ئەتراپىدىكى بىر قىسىم رايوننى ئىشغال قىلىۋالغان.
بۇنىڭ سىرت، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 17-يانۋار، ئاشقۇن تەشكىلات يەنە ئىشغال قىلىۋالغان رايوندا تەخمىنەن 300 پۇقراغا زىيانكەشلىك قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved