خىمىيىۋى قۇراللارنى مەنئى قىلىش تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئالاھىدە ياراشتۇرغۇچىسى كاگى 4-سېنتەبىر مۇنداق دېدى: سۇرىيە ھۆكۈمىتى مەلۇم قىلغان خىمىيىۋى قۇراللار ماتېرىياللىرىنى كۆيدۈرۈش خىزمىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، سۇرىيەدە قالغان 12 ئورۇندىكى خىمىيىۋى قۇراللار ئەسلىھەلىرى كېيىنكى ئايدىن باشلاپ كۆيدۈرۈلىدۇ.
كاگى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە سۇرىيە ھۆكۈمىتى مەلۇم قىلغان خىمىيىۋى قۇراللار تۈرلىرى بىلەن ئەمەلىي ئەھۋالدا پەرقنىڭ بار يوقلىقى يەنىلا تەكشۈرۈلمەكتە، ئالاقىدار گۇمانى مەسىلىلەرنى يەنە ئالاقىلىشىپ ھەل قىلىشغا توغرا كېلىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۆتكەن يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى قارار ماقۇللاپ، سۇرىيەدىكى خىمىيىۋى قۇراللار تۈرلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى ھەمدە ئەڭ تېز ۋە ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل بىلەن خىمىيىۋى قۇراللارنى كۆيدۈرۈش ئالاھىدە تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved