تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 24–SU بەلگىلىك بىر سوقۇش ئايروپىلانىنى تۈركىيە – سۇرىيە چېگراسىدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى، بۇ ئايروپىلان كېيىن سۇرىيە چېگراسى ئىچىدە پاچاقلىنىپ كەتتى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن: بۇ ۋەقە رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، دېدى. تۈركىيە NTV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تۈركىيە ئارمىيەسى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: شۇ يەر ۋاقتى 24 – نويابىر سائەت 20:9 ئەتراپىدا تۈركىيە 16–F بەلگىلىك ئىككى سوقۇش ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ، سۇرىيەنىڭ شىمالىدىن تۈركىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن رۇسىيەنىڭ 24–SU بەلگىلىك بىر سوقۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى، كېيىن بۇ ئايروپىلان سۇرىيە چېگراسى ئىچىدە پاچاقلىنىپ كەتتى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 24 – نويابىر مۇنداق دېدى: رۇسىيە بۇنداق جىنايى قىلمىشلارغا چىداپ تۇرالمايدۇ، بۇ ۋەقە رۇسىيەت – تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved