كۈلكىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت چېگرىسى بولمايدۇ، ئۇ ئىنسانىيەتكە ئورتاق تىلدۇر.
يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان كۈلكە تەبىئىي ھالدا باشقىلارنىمۇ تەسىرلەندۈرەلەيدۇ.
ياپونىيەلىك ساياھەتچى ئىنچىكى(Inchiki) نىڭ 2010- يىلى 19- سېنتەبىر كۈنى يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئالتۇن مەسجىد ئالدىدا تارتقان « ياركەنتدىكى مېھرى ئىسسىق بوۋايلار » ناملىق فوتو سۈرىتى دەل مۇشۇنداق كۈچلۈك يۇقۇملاندۇرۇش كۈچىگە ئىگە دەقىقىلەرنى خاتىرىلىۋالغان.
سۈرەتتىكى ئىككى بوۋاي بەلكىم بالىلىقىدىن تارتىپ تونۇشىدىغان قەدىناس ئاغىنىلەر بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئاپارات كۆزىگە توغرىلانغاندا ھەتتا فوتوگرافمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتكەن.
دەرۋەقە، سول تەرەپتىكى بوۋاينىڭ چىرايىدا ئەكس ئەتكەن شىتىلە كۈلكە، يوغان بۇقا كۆزلەر كىشىنى ئىختىيارسىز كۈلدۈرۋېتىدۇ.
ئۇنىڭ پاكىزە قىرىلغان ساقال بۇرۇتى، كۆزلىرىدىن يېنىپ تۇرغان بالىلارغا خاس سەبىيلىك قەلبىمىزدە تەبىئىي بىر زوق قوزغايدۇ.
ئوڭ تەرەپتىكى بوۋاينىڭ كۈلكىدىن يۇمۇلغان قىيسىق كۆزلىرى، چىرايىدىكى چەكسىز خاتىرجەملىك كۆڭلىمىزدىكى بارلىق غەم- قايغۇنى چىقىرىپ تاشلايدۇ.
بەخت مانا مۇشۇنداق ئاددىي! سىزمۇ ئەينەككە قاراپ ئاشۇلاردەك بىر كۈلۈپ بېقىڭە قېنى؟!
بۇ سۈرەت دەسلەپتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ فوتو سۈرەت ئامبىرى (Flickr) دا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا باشقا تور بەتلەرگىمۇ ئۇلاپ چاپلانغان ۋە ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە، 2011- يىلى « فلىكر ساياھەت سۈرەتلىرى مۇكاپاتى » (FlickrTravelAward) ،
جۇڭگو ساياھەت بلوگى (ChinaTravelBlog) نىڭ « ھەپتىلىك ئەڭ نادىر فوتو سۈرەت تاللانمىسى » غا ئېرىشكەن،
يەنە « لاھىيەلىگۈچىلەر پېشۋاسى » تور بېتى ( Designerbooster) نىڭ « سىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان 40 پارچە سۈرەت » قاتارىغا تاللانغان.
بوۋا مومىلىرىمىزنىڭ چېھرىدىن كۈلكە ئۆچمىسۇن!
لەگلەك تورىنىڭ ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ .ئىزدەش نۇمۇرى :LEGLEK
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved