قوغۇننىڭ شىپاھلىق رولى

   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە. تۆۋەندە بىز قوغۇننىڭ شىپاھلىق رولى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

1.ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.

قوغۇن تەركىبىدىكى Bتىپلىق مۇرەككەپ ۋىتامىن ناھايىتى ياخشى ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە، ۋىتامىن Cئادەم بەدىنىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە بولغان قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، مىنېرال ماددا مانگاننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئېنزىم سۈپىتىدە سۇپېر ئوكسىد دىسمۇتازا ئېنزىمىغا ماسلىشىش تەركىبى بار. قوغۇن تەركىبىدە يەنە مول بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ فلاۋون، مەسىلەن، كۆممىقوناق سېرىق ماددىسى قاتارلىقلار بار بۇلۇپ، ئادەم بەدىنىنى قوغداش، ھەر خىل راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. قوغۇن تەركىبىدىكى ۋىتامىن Aنىڭمۇ ئۆپكە راكى ۋە ئېغىز بوشلۇقى ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار.

2.تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

قوغۇن تەركىبىدە كالىي مىقدارى ئىنتايىن مول. كالىينىڭ بەدەننى قوغداش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۈرەك رىتىمى ۋە قان بېسىمى نورمال ساقلاش رولى بار. قوغۇنىنى كۆپ يەپ بەرسە، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلىنى ئازايتىپ، يۇقىرى زىچلىقتىكى ماي ئاقسىلى كۆپەيتىشكە پايدىلىق. يەنە بىر تەرەپتىن، كالىي مۇسكۇللار تارتىشىشپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدىنىنىڭ زەخىملەنگەندىن كىيىن تېز ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

3.ئاپتاپتىن ساقلايدۇ

« كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا،بىر دېھقان بىر خىل ئالاھىدە تۈردىكى قوغۇنىنى باشقا قوغۇن بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى، سېسىپ كەتمەيدىغانلىقىنى مەقسەتسىزلا بايقىغان. فرانسىيە پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار بۇ خىل قوغۇننى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، بۇ خىل قوغۇن تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىنىڭ ھۈجەيرىگە زىيان پەيدا قىلغان ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالىغا قارشىلىق تۇرالايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئادەتتە،كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا ئاپتاپقا سېلىش ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ھازىر بۇ خىل قوغۇنىدىن شىرنىسى قۇيۇلدۇرغاندىن كېيىن، توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان تابلېتكا دورا ياساپ چىقىلغان. ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى سۈرۈشتىن باشقا يەنە، كىشىلەر كۈندە بۇ خىل تابلېتكا دورىنى يىيىش ئارقىلىق تېرىسىنىڭ ئاپتاپتا كۆيۈشىنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ.

4.ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈش، كۆز ئاسراش، ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە

قوغۇننىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن Aتېرە ساغلاملىقىغا پايدىلىق، كۆزىگە ئاق چۈشۈش خەۋپ - خەتىرىنى ئازايتىدۇ ھەمدە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلايدۇ. قوغۇن تەركىبىدىكى ئېنىرگىيە ۋە ماي مىقدارى تۆۋەن، ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، مەسىلەن، ھەرخىل ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار بار. قوغۇننى يەنە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يېمەك - ئىچمىكىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان بولۇپ، قوغۇن بەدەندىكى سۇ مىقدارىنى ساقلاپ، بەدەننىڭ ئارتۇقچە ناترىينى چىقىرىپ تاشلىشىغا پايدىلىق.



خەتكۈچلەر:
06-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
27-01-2016
    ھەسەل ئىچىپ بېرىش ساغلاملىققا ناھايتى پايدىلىق. كىشلەر ھەسەلنى توڭلاتقۇدا ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدۇ، ئاسان بۇزۇلمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ھەسەلنى توڭلاتقۇدا ساقلىغاندا، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا، خۇشپۇرىقى يو...
Powered by Leglek