ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە بوراندىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش تارقاتتى، مۆلچەرلىنىشىچە ھازىردىن بۈگۈن يېرىم كېچىگىچە ئۇلامبايدىن خۇڭيەنچىغىچە، قىبلىتاغدىن 1-ئاۋغۇست پولات تۆمۈر زاۋۇتى (باگاڭ) غىچە بولغان جايلاردا 6 بالدىن 7 بالغىچە شەرقىي جەنۇب شامىلى، 9 بالدىن 10 بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن، شەھەر رايونى ۋە سايئوپىدىن يوڭفېڭ يېزىسىغىچە بولغان جايلاردا 5 بالدىن 6 بالغىچە شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدىكەن، بوراندىن، ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈشكە ۋە ئېگىزدىن بىر نەرسە چۈشۈشكە دىققەت قىلىڭ.