تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ئالاھىدە ئەترەت ئەۋەتىپ، ئىراقتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، لېكىن ئارقىدىنلا ئىراق ھۆكۈمىتى ئىراقنىڭ باشقا دۆلەت ھەربىي قىسمىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. قاتار يېرىم ئارىلى تېلىۋېزىيە ئىستانىسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق زۇڭلىسى ئاباد 1-دېكابىر بىر قېتىملىق باياناتىدا، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقى بولمىسا، باشقا ھەرقانداق دۆلەت ھەربىي قىسمىنىڭ ئىراق زىمىنىغا دەسسىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاباد باياناتىدا، بىز چەتئەل دۆلەتلىرى ھەربىي قىسمىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئەمەس، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بولمىسا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىيلىرى ئىراق زىمىنىگە دەسسىيەلمەيدۇ، ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىسا باشقا ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەركەتلىرى ھەرگىزمۇ ئىراق زىمىنىدا يۈزبەرمەيدۇ، دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر شۇيەر ۋاقتى 1-دېكابىر ئاۋام پالاتاسى ھەربىي ئىسلار كومىتېتى يىغىنىدا بىر ئالاھىدە ھەركەت ئەترىتىنىڭ ئىراققا كىرىپ تېررورچىلارغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قۇتقۇزۇپ، بۇ تېررورچىلارنىڭ باشلىقىنى قولغا ئېلىش ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. كارتېر:« ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوموميۈزلۈك ياردىمى ئاستىدا، بىز ئالاھىدە ھەركەت ئەترىتى ئەۋەتىپ، ئىراق ۋە كورت قوراللىقلىرىغا ياردەم قىلىپ، شۇجايدىكى چېكىدىن ئاشقان رادىكال تەشكىلات «ئىسلام خەلىپىلىكىگە زەربە بېرىمىز»، دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved