گۇمپا شاھى لى شىياۋلوڭنىڭ تەپسىلىي تەرجىمھالى

ئىسمى: لى شىياۋلوڭ ( ئەسلى ئىسمى پى جېنفەن)

چەتئەلچە ئىسمى: Bruce Lee

دۆلەت تەۋەلىكى: ئامېرىكا ( جۇڭگۇ قان سىستىمىسى)

مىللىتى: خەنزۇ

قان تىپى: O تىپلىق

بوي ئېگىزلىكى:173 سانتىمېتىر

بەدەن ئېغىرلىقى: 62kg

تۇغۇلغان جايى: ئامېرىكا سان فىرانسىسكو

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1940-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتى:1973-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى

كەسپى: مۇشت توسۇش گۇمپا ئۇستىسى،گۇمپىچى، ئارتىس، رېژىسور

ۋەكىللىك ئەسەرلىرى: «تاڭشەنلىك ئاغا»، « جىڭۋۇ سارىيى»، «ۋەھشىي ئەجدىھانىڭ دەريادىن ئۆتۈشى»،«قاتتىق ئېلىشماق» قاتارلىقلار.

ئەسلىي يۇرتى: جۇڭگۇ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى فۇشەن شۈندې رايۇنى جۈنئەن بازىرى

دەپنە قىلىنغان ئورۇن: ئامېرىكا سېئاتل كۆل مەنزىرىلىك قەبرىگاھى

ئايالى: لىندا ئەمىلى

بالىلىرى: لى گوخاۋ (ئوغلى) لى شىياڭنىڭ (قىزى)

 

تەپسىلىي ئەھۋالى:

 

لى شىياۋلوڭ تۇغۇلۇپ، ئۈچ ئايلىق بوۋاق چېغىدىلا «ئالتۇن ئىشىكتىكى ئايال» ناملىق فىلىمدە قوشۇمچە رول ئالغان. مانا بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق كىنوچىلىق ھاياتىنىڭ باشلىنىشى. 1941- يىلى 3-ئايدا  لى شىياۋلوڭنىڭ دادىسى ئائىلىدىكىلىرىنى ئېلىپ، شىياڭگاڭغا قايتىپ كەلگەن.1950- يىلى، 10 ياشلىق لى شىياۋلوڭ «تار يولدىكى خەيرىلىك» ناملىق فىلىمدە باش رول ئېلىپ، ناھايىتى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. 1954-يىلى، 14 ياشلىق لى شىياۋلوڭ شىياڭگاڭدا چا - چا ئۇسۇلى مۇسابىقىسىدە سەككىز ياشلىق ئۇكىسى بىلەن بىللە چا -چا ئۇسۇلى ئويناپ، چېمپىيون بولغان. 1954-يىلى ئۇ يې ۋېننى ئۇستاز قىلىپ، يوڭچۈن گۇمپىسىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇ گۇمپىغا ناھايىتى ھېرىسمەن بولغاچقا، گۇمپىنى بىرنەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۆگىنىپ بولغان. 1957- يىلى، لى شىياۋلوڭ شىياڭگاڭ ئوتتۇرا مەكتەپ بوكىس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، شەھەر بويىچە چېمپىيون بولغان. بۇ ئۇنىڭ چامباشچىلىق ساھەسىدىكى تۇنجى غەلىبىسى. 1958- يىلى، لى شىياۋلوڭ ئاخىرقى قېتىم«ئادەم دېڭىزىدىكى يالغۇز تۇرنا» فىلىمىدە رول ئالغان. ئۇ 18 ياشقا كىرگۈچە 20دەك كىنو - فىلىملىرىدە رول ئالغان. 1958- يىلى 11- ئايدا لى شىياۋلوڭ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شياڭگاڭدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكا سان فرانسىسكو شەھىرىگە كەتكەن. 1959- يىلى 1- ئايدا، ئۇ سان فرانسىسكودىن سېئاتلغا بارغان. ياش لى شىياۋلوڭ ئۇ يەردىكى «ئېدىسون ئالىي خىزمەت مەكتىپى»دە ئېنگىلىز تىلىدىن بىلىم ئالغان ۋە 1961- يىلى، لى شىياۋلوڭ سېئاتل «ۋاشىنگتون شىتات ئۇنىۋېرسىتېتى»غا ئىمتىھان بېرىپ، بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ يەنە سېئاتلدا «جېنفەن دۆلەت ماھارىتى سارىيى»نى ئاچقان. كىشىلەر بۇ ياش بالىنىڭ ئىرادىسىگە ناھايىتى ھەيران قالغان. 1963- يىلى، ئۇ ۋاشىنگتون شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لىندا ئەمىلى بىلەن تونۇشقان. شۇ يىلى لى شىياۋلوڭنىڭ ئۆمرىدىكى بىردىنبىر مەخسۇس ئەسىرى «جۇڭگونىڭ ئاساسىي مۇشت ماھارەتلىرى» ناملىق كىتابى سېئاتلدا نەشىر قىلىنغان. 1964- يىلى 2- ئايدا، لى شىياۋلوڭ لىندا بىلەن سېئاتل چېركاۋىدا توي قىلغان.

 

1964- يىلى، لى شىياۋلوڭ كالفورنىيە شىتاتىدا ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەتلىك «قورۇق قول گۇمپىسى»مۇشتلاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. بۇ لى شىياۋلوڭنىڭ ھاياتىدىكى بىر ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىملىق تەنتەنىلىك يىغىندا ئاتاقلىق چامباشچى دان يىنوسانتو بىلەن تونۇشقان. شۇ يىلى باش قىشتا، مۇسابىقىدە، لى شىياۋلوڭ ئۆزىگە خاس بولغان، ئۆزى ئىجاد قىلغان ماھارەت «مۇشت توسۇش گۇمپىسى» نى ئورۇنلاپ، ناھايىتى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. دان يىنوسانتو لى شىياۋلوڭنىڭ شاگىرتىغا ئايلانغان. لى شىياۋلوڭنىڭ سۈرئىتى ھەر قانداق ئادەمدىن ئىتتىك بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مۇسابىقىدە ئۇنىڭغا يېڭىلىپ قالغان. شۇڭا ئۇ ئامېرىكا تەرىپىدىن «گۇمپا شاھى» دەپ تەرىپلەنگەن.

 

1965-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ھوللىۋود لى شىياۋلوڭنى «يېشىل ھەرە پالۋان» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان. بۇ لى شىياۋلوڭنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيى بولغاچقا، لى شىياۋلوڭ خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن لى شىياۋلوڭ ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يېشىل ھەرە پالۋان» ناملىق فىلىمىدە، باش رول كاتونىڭ رولىنى ئالغان. 1967- يىلى، «يېشىل ھەرە پالۋان» ناملىق فىلىم تېلېۋىزوردا قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر لى شىياۋلوڭغا شاگىرت بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ فىلىم لى شىياۋلوڭنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىم جەھەتتىكى تۇنجى غەلىبىسى بولۇپ قالغان.

 

1971-يىلى 7- ئايدا، لى شىياۋلوڭ رۇخسەت سوراپ، شىياڭگاڭغا كېلىپ، جياخې فىلىم شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ، تايلاندتا «تاڭشەنلىك ئاغا» ناملىق فىلىمدە رول ئالغان. 10- ئايدا، بۇ فىلىم شىياڭگاڭدا قويۇلۇپ، شياڭگاڭدىكى ئەڭ يۇقىرى كىنو بېلەت كىرىمىدىن ئۆرلەپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، لى شىياۋلوڭ بىر كېچىدىلا بىر گىگانت چولپانغا ئايلانغان. (بۇ فىلىم شىياڭگاڭنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرىنىڭ تۇنجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ).

 

ئۇ رول ئالغان ئىككىنچى فىلىمى «جىڭۋۇ سارىيى» 1972- يىلى 3- ئايدا شياڭگاڭدا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بېلەت كىرىمى ئىلگىرىكى «تاڭشەنلىك ئاغا» ناملىق فىلىمنىڭ كىنو بېلەت كىرىمىدىن ناھايىتى يۇقىرى ئۆرلەپ كەتكەن.

 

1972- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا، لى شىياۋلوڭ  ئىتالىيىگە بېرىپ، سىنارىيەنى ئۆزى يېزىپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى باش رول ئېلىپ «ۋەھشى ئەجدىھانىڭ دەريادىن ئۆتۈشى»ناملىق فىلىمنى ئىشلىگەن. كېيىن بۇ فىلىم قويۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ بېلەت كىرىمى پۈتۈن دۇنيادىكى قويۇلۇۋاتقان كىنولارنىڭ بېلەت كىرىمىدىن ئېشىپ كەتكەن.بۇ فىلىم لى شىياۋلوڭنىڭ بىردىنبىر ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ قالغان. شۇ يىلى، لى شىياۋلوڭنىڭ «جىڭۋۇ سارىيى» فىلىمىدىكى ئوبرازى بىلەن ئۇ «ئالتۇن ئات: ئەڭ يۇقىرى ماھارەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

 

لى شىياۋلوڭ 1973- يىلى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى، سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ نېمە كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى تا ھازىرغىچە نامەلۇم بىر سىر بولۇپ قالغان. لى شىياۋلوڭ ۋاپات بولغاندا ئاران32 ياش ئىدى.

 

لى شىياۋلوڭنىڭ ئايالى لىندا لى شىياۋلوڭنىڭ جەسىتىنى سېئاتلغا ئاپىرىشنى قارار قىلغان. لېكىن، كۆپلىگەن شىياڭگاڭ خەلقى بۇنىڭغا چىدىمىغان. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە لى شىياۋلوڭ شىياڭگاڭ خەلقىنىڭ قەھرىمانى ئىدى. شۇنداقتىمۇ كۆپ تالاش- تارتىش بىلەن ئۇنىڭ ئايالى لىندانىڭ تەلىپى بويىچە لى شىياۋلوڭنىڭ جەسىتى شىياڭگاڭدىن سېئاتلغا يۆتكەپ كېتىلگەن.

 

2011- يىلى، 1- ئايدا ھوللىۋود لى شىياۋلوڭنى ئەسلەش ئۈچۈن ئىشلىگەن «يېشىل ھەرە پالۋان» ناملىق فىلىم كىنوخانىدا ئۈچ ئۆلچەم تېخنىكىسى (3D) بىلەن قويۇلغان. بۇ فىلىمدىكى لى شىياۋلوڭنىڭ رولىنى تەيۋەنلىك داڭلىق ناخشا چولپىنى جوۋ جىيېلۈن ئالغان.. ئۇ لى شىياۋلوڭ ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «لى شىياۋلوڭ بولسا بىر رىۋايەت. ھېچقانداق ئادەم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئۇ بىر قالتىس ئادەم. لېكىن مەن ئادەتتىكى ئادەم».

 

لى شىياۋلوڭ ھەققىدە دۇنياغا داڭلىق كىنو چولپىنى چېڭلوڭ مۇنداق دېگەن: «ھېچكىم لى شىياۋلوڭغا يېتەلمەيدۇ، ئۇ دۇنيادا بىر. ئۇ ناھايىتى قالتىس. ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇ خۇددى تۆمۈر ئادەمگە ئوخشايدۇ. ھەر قانداق ئادەم مېنى يىقىتالايدۇ. لېكىن ھېچكىم لى شىياۋلوڭنى يىقىتالمايدۇ. لى شىياۋلوڭ مۇشت چىقارغان ۋاقتىدا غەزەپ بىلەن چىقىرىدۇ. مەن مۇشت چىقارسام، ‹ۋايجان› دەپ ۋارقىراپ كېتىمەن.»

 

بەيدۇ تورى ماتېرىيالىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى. لەگلەك تورى تەرجىمىسى.



خەتكۈچلەر:
24-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
11-05-2016
    كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بۇ داچا ھوللېۋودتىكى چولپانلار يىغىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 2787 كىۋادرات كېلىدىغان بۇ داچىدا 10 ھۇجرا ئۆي بار ئىكەن، بۇ ئىلگىرى ئامېرىكىلىق ئايال چولپان بابارا. سترىېساندنىڭ...
10-05-2016
    بۇ يىل 1-ئايدا بىز مىكرو سوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ساتيا نادېللانىڭ ۋاشىنگىتون ئىشتاتىنىڭ Clyde Hill شەھىرىگە جايلاشقان ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىنى ساتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق، Gee...
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
Powered by Leglek