دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس قىزلارغا نەزەر

         ئامېرىكىلىق 7 ياشلىق قىزچاق-ئەڭ ياش قارا بەلباغقا ئېرىشكەن تەپمە فوكس (تەي چۈەنداۋ دېيىلىدۇ) ماھىرى. يالاڭ ئاياغ ئالتە تاختىنى تېپىپ سۇندۇرىۋېتەلەيدۇ

        ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى 7 ياشلىق قىزچاق ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ ئوغۇللارنىڭ ئالدىدا يالاڭ ئاياغ 6 تاختىنى سۇندۇرۇپ، (ھەربىرىنىڭ قېلىنلىقى 0.9 سانتىمېتىر) بوي ئېگىزلىكى 1.2 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 25 كلوگرام بولۇش سالاھىيىتىدە ئامېرىكىدىكى ئەڭ ياش قارا لېنتىلىق (قارا لېنتا بولسا تەپمە فوكس تەنھەرىكىتىدىكى سەۋىيە دەرىجىسى بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجە ھېسابلىنىدۇ، قارا لېنتا شۇ ماھىرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت جاپالىق مەشق جەريانىدا تېخنىكا ۋە پىسخىكا ساپاسىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە پىشىپ يېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ) تەپمە فوكس ماھىرىغا ئايلاندى.

       ئەنگلىيىلىك ئۈچ يېرىم ياشلىق قىزچاق دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك «بەدەن چەكمىسى چېكىش ئۇستىسى» غا ئايلاندى

       كۆپلىگەن قىز بالىلار ئۈچ يېشىدا بوياق بىلەن قەرغەز ئۈستىگە جىجىلاپ ئويناشنى ياقتۇرىدۇ، بىراق ئەنگىلىيىلىك ئۈچ يېرىم ياشلىق قىزچاق رۇبى باشقىلارنىڭ بەدىنىگە مەڭگۈلۈك «رەسىم سىزىش» نى ياقتۇرىدۇ.  رۇبىنىڭ ماھارىتى كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقان بولۇپ، يەنە نەچچە ھەپتىدىن كېيىنلا ئۇ دادىسىنىڭ پاقالچىقىغا نەپىس ئۆمۈچۈك چېكىپ چىقماقچى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇبى كانادالىق 5 ياشلىق قىزچاق ئېمرىينىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيادىكى ئەڭ ياش بەدەن چەكمىسى چېكىش ئۇستىسىغا ئايلىنىدۇ.

       ھىندىستانلىق 8 ياشلىق قىزچاق كۆزەينەكلىك يىلان بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئىلگىرى ئۈچ قېتىم يىلان چېقىۋالغان

      ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن كۆزەينەكلىك يىلان تولىمۇ ۋەھىيمىلىك ھېسابلىنىدۇ، بىراق سەككىز ياشلىق ھىندىستانلىق قىزچاق كيورخان گەرچە ئىلگىرى ئۈچ قېتىم يىلان چېقىۋالغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا كۆزەينەكلىك يىلان بىلەن ياخشى دوستلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

      بۇ جۈرئەتلىك 8 ياشلىق قىز ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن بىرگە ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى گاتەمبۇردا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسى ئوخشاشلا شۇ جايدىكى داڭلىق يىلان تۇتۇش ئۇستىلىرى، دادىسىنىڭ بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 45 يىل بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ھازىر ماھارىتىنى 28 ياشلىق ئوغلىغا قالدۇرغان بولسىمۇ، بىراق سەككىز ياشلىق كيورخانمۇ بۇ كەسپكە قىزىقىدۇ. ئۇ بوۋاق ۋاقتىدىلا كۆزەينەك يىلاننىڭ ئەتراپىدا ئويناپ چوڭ بولغان بولۇپ، ھازىر كۆزەينەك يىلان بىلەن يېقىن دوستلاردىن ئىكەن، مەيلى تاماق ۋاقتى ياكى ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا بولسۇن ئۇ كۆزەينەك يىلاندىن ئايرىلمايدىكەن. ئۇ يەنە ھەمىشە كۆزەينەك يىلاننى بوينىغا ئېلىپ كەنتتە ئوينايدىكەن.

      ئەنگلىيەلىك قىزچاق ساياھەت قىلىشقا پۇل يىغىش ئۈچۈن «ھەسەل ھەرىسىنى ساقال قىلىش» ماھارىتىنى ئورۇندىدى

     16 ياشلىق نېل ۋېس دېھقانچىلىق مەيدانىدا كىشىنى چۆچۈتىدىغان نومۇر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ ئاۋۋال ھەرە پادىشاھىنى يۈزىگە قوندۇرغان، ئارقىدىنلا سان-ساناقسىزلىغان ھەسەل ھەرىلىرى ئۇنىڭ يۈز قىسمىغا قونۇشقا باشلىغان، ئۇ بۇ نومۇرىنى جەمئىي يەتتە مىنۇتقا يېقىن داۋاملاشتۇرغان.  ئىگىلىنىشچە نېل بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئافرىقا ساياھىتى ئۈچۈن پۇل يىغىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. نەتىجىدە ئۇنىڭ نومۇرىغا 390 فوندسېرلىڭ يىغىلغان، (تەخمىنەن 4006 يۈەن خەلق پۇلى) بۇ پۇللار ئۇنىڭ ئۇگاندا بېرىشىغا يېتىدىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۇگاندادىكى يېتىم-يېسىرلار مەكتىپىگە بېرىپ پىدائىي بولۇش ئارزۇسى بار ئىكەن.

      يېڭى زېنلاندىيەلىك 14 ياشلىق قىز دولقۇن ئۈستىدە تېيىلىش تاختىسى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان ئاكۇلانى قاچۇرىۋەتكەن

      يېڭى زېنلاندىيەلىك 14 ياشلىق قىزچاق دېڭىزدا دولقۇن ئۈستىدە تېيىلىپ ئويناۋاتقىنىدا ئاكۇلانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچرىمىغان، ئەسلى ئاكۇلا ئېتىلىپ كەلگەندە ئۇ تېيىلىش تاختىسىنى قولىغا ئېلىپ ئاكۇلانىڭ باش قىسمىغا كۈچەپ زەربە بەرگەن بولۇپ، نەتىجىدە ئاكۇلا قېچىپ كەتكەن ئىكەن.

      ئامېرىكىلىق 25 ياشلىق قولى يوق قىز پۇتى ئارقىلىق ئايروپىلان ھەيدىدى

      ئامېرىكا ئارىزونا شىتاتى تۇكسون شەھىرىدىكى 25 ياشلىق جېسكىي تۇغۇلىشىدىن قولى يوق بولۇپ، بىراق ئۇ ئىزچىل تۈردە قولىنىڭ ئورنىغا پۇتى ئارقىلىق كۆپلىگەن ئىشلارنى قىلىشنى ئۆگەنگەن. ھازىر ئۇ پۇتىدا خەت يېزىشتىن باشقا يەنە كومپيۇتېردا خەت ئۇرۇش، پىئانىنو چېلىش، ماشىنا ھەيدەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تاماملىيالايدۇ، يېقىندا ئۇ يەنە پۇتى ئارقىلىق ئايروپىلان ھەيدەشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى تۇنجى پۇتى ئارقىلىق ئايروپىلان ھەيدەيدىغان قانۇنلۇق ئۇچقۇچىغا ئايلاندى.

         تەلەيلىك قىزچاق-55 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مورادىن يىقىلىپمۇ ھېچئىش بولمىغان

       ئامېرىكا نيۇ يوركتىكى 12 ياشلىق قىزچاق ئېھتىياتسىزلىقتىن 55 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مورادىن (14 قەۋەتلىك بىنا بىلەن باراۋەر) چۈشۈپ كەتكەن، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان يېرى شۇكى ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىش بولمىغان، بۇنىڭغا مورانىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى قېلىنلىقى 60 سانتىمېتىر كېلىدىغان كۈل ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان.

      ئەنگلىيىلىك ئەڭ كۈچتۈڭگۈر قىز-14 يېشىدا ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان ئېغىرلىقنى كۆتۈرگەن

     ئەنگلىيىلىك ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن زوي ئۆز بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلەيدىغان بولۇپ، «ئەنگلىيەدىكى ئەڭ كۈچتۈڭگۈر قىز» دەپ نام بېرىلگەن.

      7 ياشلىق قىزچاق ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 6 پاي ئوق تەگكەن بولسىمۇ ھايات قالغان

     ئامېرىكا دېترويت شەھىرىدىكى 7 ياشلىق قىزچاق ئانىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن قورال تۇتقان جىنايەتچىنىڭ ئوقىدىن ئانىسىنى توسىۋالغان، ئاقىۋەتتە سول چېكىسى، ئېڭىكى، يۈز قىسمى، كۆرەك قىسمى ۋە ئوڭ بېلىكىگە ئالتە پاي ئوق تېگىپ قان ئىچىدە نەق مەيداندا يېتىپ قالغان، گەرچە مۆجىزىلەرچە ھايات قالغان بولسىمۇ، بىراق يارىسىنىڭ زىيادە ئېغىرلىقىدىن دوختۇرلار بۇ قىزچاقنى مەڭگۈلۈك پارالىچ، ھەتتا مېڭىش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارلىرىدىنمۇ قالىدۇ دەپ قارىغان. كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان يېرى 5 ئايلىق داۋالاش ۋە 6 قېتىملىق ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇنىڭ سالامەتلىكى تەلتۆكۈس ئەسلىگە كەلگەن.

     ئامېرىكىلىق 9 ياشلىق قىزچاق قۇرۇق قول تىمساھنى كۆندۈرۈپ، تىمساھنى ئەرمەك ھايۋان قىلدى

     ئامېرىكا كولورادو شىتاتى مېسكالىن شەھىرىدىكى 9 ياشلىق سامانش ئادەتتە بىر توپ «2.4 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تەبىئەت دۇنياسىدىكى يىرتقۇچ» دەپ نام ئالغان تىمساھ (كايمان) توپى بىلەن ئويناشقا ئامراق. 200 كلوگرامدىن ئاشىدىغان يىرتقۇچ تىمساھ ئۇنىڭ ئالدىدا مۇلايىم ئەرمەك ھايۋاناتقا ئايلىنىدۇ، ئۇ ئادەتتە ساياھەتچىلەرگە قۇرۇق قول تىمساھ كۆندۈرۈش ماھارىتىنى كۆرسىتىشتىن باشقا يەنە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق جېڭى ئوفېتسېرلىرى ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قانداق قىلىپ تىمساھ كۆندۈرگەنلىكىدىن تەلىم ئېلىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن.

        ئەنگلىيەلىك 5 ياشلىق قىزچاق پىچاق كۆتۈرگەن ئوغرىغا «ھەيۋە كۆرسىتىپ» قاچۇرىۋەتكەن

      2009-يىلى 11-ئايدا Middlesbrough دىكى 5 ياشلىق قىزچاق كېروينىڭ باتۇرلارچە ئوغرىغا «تاقابىل» تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىش-ئىزى ھەممەيلەننىڭ قۇلىقىغا يەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا كېروي پەستىن كەلگەن ئاياغ تىۋىش ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كېتىپ پەسكە چۈشۈپ كۆزىتىپ باقماقچى بولغان، ئويلىمىغان يەردىن ئوغرىلىق قىلىۋاتقان ئوغرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغان، بۇ چاغدا ئوغرى قولىدىكى پىچاق بىلەن ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلىپ ئاۋاز چىقارماي ئۆيىگە كىرىپ كېتىشىنى بۇيرىغان، بىراق كېروي ئوغرىنىڭ بۇ ھەيۋىسىدىن قىلچە قورقماستىن ئەكسچە يۇقىرى ئاۋازدا ئۇنىڭغا قايتۇرما «ھەيۋە» قىلغان، بۇ چاغدا كېروينىڭ ئاتا-ئانىسى ئاۋازدىن ئويغىنىپ پەسكە چۈشكەن، نەتىجىدە ئوغرى قولىدىكى نەرسىلەرنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن.

        ئەنگلىيەلىك 7 ياشلىق قىزچاق بوينىغا يىلان يۆگەپ سەھنىگە چىقىپ نومۇر ئورۇنداپ باھالىغۇچىلار بىلەن تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرغان

      شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلىۋىزوردا قويۇلغان «ئەنگلىيە تالانت سەھنىسى» پروگراممىسىدا ئەنگلىيەنىڭ كېنتتىن كەلگەن 7 ياشلىق قىزچاق ئولىۋىيە ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش توغرىسىدىكى دېكلاماتسىيە قىلىش جەريانىدا بوينىغا ئۇزۇنلۇقى 1.83 مېتىر كېلىدىغان بوغما يىلاننى يۆگەپ نومۇر كۆرسەتكەن. باھالىغۇچىلار ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ كېيىنكى ئۆتكەلگە ئۆتكۈزگەن، تاماشىبىنلارمۇ نومۇر ئاياغلاشقاندىن كېيىن چوڭ-چوڭ تىنىۋەتكەن.

      ئەنگلىيەلىك ئىككى ياشلىق كىچىك قىزچاق ھامىلدار ئانىسىنىڭ تولغىقى تۇتقان پەيتلەردىمۇ ھودۇقماستىن ئاپىسىنىڭ قوشكېزەك ئۇكىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تۇغۇشىغا ياردەملەشكەن

      2008-يىلى 6-ئايدا، ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى لوندون شەھىرىدىكى 21 ياشلىق ھامىلدار ئانا كامىلا سامىس يېرىم كېچە سائەت 3:00 لەردە ئۆيىدە قاتتىق تولغىقى تۇتقان، بۇنى كۆرگەن 27 ياشلىق ئوغۇل دوستى ماك كېۋىن توختىماي ئېقىۋاتقان قاندىن قورقۇپ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ ياردەم تەلەپ قىلغان، بىراق ئىككى ياشلىق قىزى شۇ پەيتلەردە قىلچە ھودۇقماستىن بىر تەرەپتىن ئانىسىغا تەسەللىي بەرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن لۆڭگە ئارقىلىق يېڭى تۇغۇلغان قوشكېزەك ئىنىسىنى ئوراپ ئانىسىنىڭ قۇچىقىغا ئېلىپ بەرگەن.  كامىلا : «ئۇ چاغدا ئىككى ياشلىق قىزىمنىڭ جاسارىتىگە قايىل بولدۇم، ئۇنىڭغا مېدال بېرىش كېرەك» دېدى.




خەتكۈچلەر:
04-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىد...
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
Powered by Leglek