سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھ ۋە ئامېرىكىنىڭ ياردەم خىراجىتى

‏ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى باراك ئوباما 26-ئىيۇن سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھقا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قارشىلىشىشى ۋە دىنى ئەسەبىي قۇراللىق كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن، پارلامېنتقا 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق خىراجەت ئىلتىماس قىلدى.


ئەگەر پارلامېنت بۇنىڭغا قوشۇلسا، بۇ ئامېرىكىنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىگە پېتىپ قالغان سۇرىيە مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھقا نىسبەتەن ئەڭ ماھىيەتلىك ياردىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە توقۇنۇشىغا قاتنىشىش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئوباما ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى پارلامېنتقا 2015- مالىيە يىلىدا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش پىلانى ئۈچۈن 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىشنى ئىلتىماس قىلدى، ياردەم بېرىش ئوبيېكتى سۈرىيەدىكى قىسمەن ئۆكتىچى گۇرۇھلار ۋە قوشنا دۆلەت ئىراق، ئىيوردانىيە ، لىۋان، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئاق ساراي مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئىچىدە 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تاللانغان سۇرىيە مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھ قۇراللىق كۈچلىرىنى چېنىقتۇرۇش ۋە قۇراللاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ كونترول رايونىدا مۇقىملىقىنى قوغداش، ئاممىنى زۆرۈر مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، تېررورچىلارنىڭ تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش، كىرىزىسىنى سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىش شارائىتلىرىنى ھازىرلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.


ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۇرىيە مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تىرىشماقتا، بۇ ياردەم مەبلىغى بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن سۇرىيە مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھى قۇراللىق كۈچلىرىنى يەنىمۇ قوللىشىغا پايدىلىق.
2011-يىلى 3-ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا سۇرىيە ئۆكتىچى گۇرۇھىغا ئاساسلىقى ئەجەللىك بولمىغان ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەخمىنەن 280 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بەردى. سۇرىيە ئۆكتىچى گۇرۇھ لاگېرىنىڭ تەركىبىي مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئىچىدە سۈنئىي گۇرۇھىغا تەۋە غازات تەشكىلاتىمۇ بار، بازا تەشكىلاتى، تالىبان قاتارلىق تېررورچىلارمۇ بار.

‏2011-يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى سۇرىيە كىرىزىسى پارتىلىغاندىن كېيىن، سۇرىيە تەۋەسىدىكى بەزى ئۆكتىچى گۇرۇھلار ئالدىغا چىقتى، ئەڭ دەسلەپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئاجىز بولدى، تەسىرى بىر قەدەر كىچىك بولدى، ئەمما كەينىدىن ئۆزلۈكسىز بىرلىشىش ئارقىلىق كۈچى زورايدى. گەرچە ئۇلارنىڭ سىياسىي قارىشى، كۈرەش قىلىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ نىشانى بىردەك، يەنى باشار ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش.


ئوباما ھۆكۈمىتى بايلىقنىڭ ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى. شۇڭا يەنىمۇ ياردەم قىلىش تەسكە توختىدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئوباما پارلامېنتتىن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىشنى ئىلتىماس قىلدى، قارىغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيە ۋە ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشقا بولغان ئەندىشىسى ياردەمنىڭ ئەسەبى قۇراللىق كۈچلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىگە بولغان ئەندىشىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. ئامېرىكىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنىى بىلدۈردى.


ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىدىكى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان بىرىنچى نومۇرلىق شەخس سۇرىيە مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھىغا ياردەم بېرىش نۆۋەتتە كەچ ئەمەس دېدى. كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان رەئىسى مۇنداق دېدى: دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بۇ خىل ياردەم بېرىشنى قوللايدۇ، ئىراق بىلەن سۈرىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ چىقىم توغرا دېدى.


ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى بىر باش ئاغرىق بولۇپ كېلىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ئوبامانىڭ بۇ ياردىمى كېچىكىپ قالدى دەپ ئاغرىندى. بالدۇرلا مۇشۇنداق قىلىش كېرەك ئىدى، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جەزمەن باشلامچى بولۇپ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونى بىلەن شېرىكلىشىپ ھەمكارلىشىشى كېرەك، سۈرىيەدىكى غوللۇق كۈچنى يۆلەپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ۋە دۆلەتنى قۇتقۇزۇش فىرونتىدىن ئىبارەت بۇ ئەسەبى قۇراللىق كۈچلەر بىلەن چېگرىنى ئايرىپ، سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەد بىلەن بىۋاسىتە ئۇرۇش قىلىشى كېرەك.


رۇسىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيە مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھىغا بولغان ياردەمنى كۈچەيتكەنلىكىدىن نارازى بولدى، 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى تېخىمۇ ياخشى جايغا ئىشلىتىش كېرەك دەپ ھېسابلىدى. رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋاملىق ئوتقۇيرۇقلۇق قىلدى، ئىشنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا رول ئويناش ئويى يوق دېدى.
ئامېرىكا بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا سۇرىيە كىرىزىسىنى قۇرال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشقا بولمايدۇ، ئامېرىكىمۇ سۈرىيەگە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتمەسلىكى كېرەك دە ھېسابلايدۇ، دېدى.

 



خەتكۈچلەر:
30-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek