تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار يىغىنى دۇنيا ئاخبارات مۇكاپاتىنى باھالاش نەتىجىسى 27-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى، 4 ئادەم مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 19 ئادەم نامزات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. چەتئەللىك زاتلارنىڭ ھېسابلىشىچە، دۇنيا ئاخبارات مۇپاكاتىنى تەسسىس قىلىش تاراتقۇ ساھەسىنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇشى ۋە تېخىنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينايدىكەن، بۇنىڭ خەلقئارا تاراتقۇ ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىدا ئەھمىيەتى زور ئىكەن.
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا مۇنداق دېدى: دۇنيا ئاخبارات مۇكاپاتىنى باھالاش تاراتقۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، دۇنيا ئاخبارات مۇپاكاتىنى تەسسىس قىلىش تاراتقۇ ساھەسىنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇشى ۋە تېخىنىكا تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيا تاراتقۇ سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزگىچە تەسىر كۆرستىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيا ئاخبارات مۇكاپاتى دۇنيا ئاخبارات ساھەسىدە رىقابەتلىشىش ۋە ئۆز ئارا ئۆگىنىشتەك ئىجابىي كەيپىيات شەكىللەندۈردى، باھالاشتا قېزىپ چىقىلغان نادىر ئەسەرلەر كىشىلەرگە ئەنئەنىۋى تاراتقۇنىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى چوڭ ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىپلار قالماي ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
مېكسىكا دۆلەتلىك ئاپتونۇمىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئاخبارات كەسپىنىڭ پىروفىسسورى ئېرناندوس مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: دۇنيا ئاخبارات مۇكاپاتىنىڭ تەسسىس قىلىنىشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي ئاخبارات تاراتقۇسىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇندىن باشقا دۇنيا ئاخبارات مۇكاپاتىدا يېڭى تاراتقۇلارنى قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئاخباراتچىلارنىڭ خەۋەر بېرىش جەريانىدا يېڭى تېخنىكىلارنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، تاراتقۇلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتتى.
ھىندونېزىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك گېزىت»نىڭ باش تەھرىرى لىجۇخۇي مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تاراتقۇلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى تۆھپىسى زور، ئۇلار يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىمۇ تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتىدۇ. دۇنيا تاراتقۇلار يىغىنى تەسسىس قىلغان دۇنيا ئاخبارات مۇكاپاتى ئىنتايىن ياخشى سەھنە، بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تاراتقۇلىرىغا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە پاراۋانلىق بۇرچىنى پائال ئۈستىگە ئېلىشقا ئىلھام بېرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر بېرىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ ھەم زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
پاكىستان-جۇڭگو تاراتقۇلار مۇنبىرىنىڭ رەئىسى سۇلتان مۇھەممەد مۇنداق دېدى: دۇنيا ئاخبارات مۇكاپاتى دۇنيادىكى تۇنجى ئاخبارات مۇپاكاتى تۈرى، بۇ مۇكاپاتنىڭ تەسسىس قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور، ئاخبارات تاراتقۇلىرى ۋە تاراتقۇچىلارنىڭ رېئال، ئوبيېكتىپ، نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشىغا ياردىمى بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى دۇنيا ئاخبارات يىغىنى ئۆز مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى ئۇرغۇتىدۇ، دۇنيا تاراتقۇلار يىغىنىنىڭ دۇنيا تاراتقۇلار تەرتىپىنى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان ۋە بەرپا قىلىدىغان ئىقتىدارى بار.
نېپال جۇمھۇرىيىتى گېزىتچىلىك شىركىتىگە تەۋە بولغان «پۇقرالار گېزىتى»نىڭ ئالىي مۇخبىرى سۇلاندىلا پاراۋانلىق مۇكاپاتى تۈرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مۇنەۋۋەر ئاخباراتچى نامزات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم نەتىجىلىرىمنىڭ بىرى، نامزات مۇكاپات شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىم مېنىڭ كەسىپي ھاياتىم ۋە كىشىلىك ھايات يولۇمدا داۋاملىق ئىلگىرىلىشىمگە ئىلھام بولىدۇ، دېدى. پۇقرالار گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى پۇرادەن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: مەيلى پۇقرالار گېزىتى ياكى گېزىتخانىمىزدىكى مۇخبىرلارغا نىسبەتەن بولسۇن بۇ مۇھىم نەتىجە ھسابلىنىدۇ، ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ مۇخبىرلىرىمىزنى خەلقئارا ئاخبارات رىقابىتىگە قاتناشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.
ھىندى دىنى مۇرتلىرى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى مىلا پاراۋانلىق مۇپاكاتى تۈرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مۇنەۋۋەر ئاخباراتچى نامزات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پاراۋانلىق مۇكاپاتىنى باھالاش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى تاراتقۇلارغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ تاراتقۇلارنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
پاراۋانلىق مۇكاپاتى تۈرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر مۇنەۋۋەر ئاخبارات قوشۇنى نامزات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھىندىستاندا چىقىدىغان نەزەر ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى پۇلساد مۇنداق دېدى: مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سەھىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھىندىستانغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. بىز بۇندىن كېيىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىدا تاراتقۇلار ئادا قىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى بىرلىكتە ئادا قىلىمىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved