قەشقەر «قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

      16- دېكابىر، قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى ۋە ئىلىم مەرىپەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىسى بولغان ئارقا ئوردا كوچىسى دوقمۇشىغا جايلاشقان قەشقەر «قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» يەنە بىر قېتىم خۇشاللىققا تولدى. بۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9:30 دە، بۇ كۇتۇپخانىدا «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىلدى. بۇ يېقىندا بۇ كۈتۈپخانىدا ئېلىپ بېرىلغان «دىھقانلار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى»، «باغۋەنلەر كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى»دىن كېيىن تەشكىللەنگەن يەنە بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.    بۇ پائالىيەتنى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى بىلەن قەشقەر «قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى» بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەتكە بۇ ئەزىزانە ماكاندىكى ئابلىز ئۆمەر ئەنجانىي، ئابدۇرېھىم سابىت قاراخان، تۇرسۇن نىياز، ئۆمەر ئوسمان شىپايىتېكىن، ئوسمان مۇھەممەد قاراقۇتلۇق، زەيدىنجان مامۇت، ئابلاجان بوۋاقى، ئادىلجان ئابدۇقادىر، ئەسقەر ئەھمىدى، ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ...قاتارلىق مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىلىرى، شائىر-يازغۇچىلار، ئەدەبىي تەرجىمانلار، ئوسمان نىياز ھاجىم، ئابلىز ھاجىم، ئىبراھىم سەمەن، ئىمىنجان بۇغرا، ئابلىكىم ھاجىم، تۇداجىم قاتارلىق مۇشۇ كۇتۇپخانىنى قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ ۋە كۈچ چىقارغان ساخەۋەتچى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى يېزا-بازار، كوچا باشقارمىلاردىكى بىرلىكسەپ دىن ئىشلىرى كادىرلىرى، ۋەتەنپەرۋەر دىني زات ۋەكىللىرى بولۇپ 100 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.

     پائالىيەتتە كىتابنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى، ئۇنىڭ دۆلەت، مىللەت ۋە تەبىقە ئايرىمايدىغانلىقىنى، مەدەنىيەتلىك، بىلىملىك خەلق بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ۋە چوقۇم ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرۇغا قويۇلدى، ھەممىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنى چۈشىنىپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، روھىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئەۋلادلارغا ھەقىقىي نەپ بېرىپ، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتەلەيدىغانلىقىمىزنى قەيت قىلىنىپ، كىتابقا بولغان مېھرىمىز ۋە ئەتىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى. پائالىيەت داۋامىدا مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئوسمان مۇھەممىدى قاراقۇتلۇق، شىنجاڭ «سەمەن» گورۇھىنىڭ لىدىرى ئىبراھىم سەمەن، شىنجاڭ «بۇغرا» ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئىمىنجان بۇغرا، قەشقەر شەھىرى ياۋاغ كوچا باشقارمىسى بەختباغ مەھەللە مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئابدۇغېنى قارىھاجىم، قەشقەر شەھىرى قۇمدەرۋازا كوچا باشقارما غەزىنىچىبەگ كوچىسى مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئادىلجان قارىم، نەزەرباغ بازىرى توققۇزتاش مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئەھمەدجان قارىم قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتلىرى ۋە كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ ئۆتتى. كۇتۇپخانا قۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى كۆپچىلىككە «قەشقەر ‹ قۇتبىلىك كۇتۇپخانىسى› ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى» دېگەن خەت بېسىلغان خاتىرە سومكا ۋە بىر پارچىدىن كىتاب تەقدىم قىلدى.



خەتكۈچلەر:
17-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
08-05-2016
     شاڭخەي دۇڭپىڭ دۆلەت ئورمان باغچىسى جۇڭگونىڭ 3-چوڭ ئارىلى بولغان چۇڭمىڭ ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، بۇ باغچىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5400 مو كېلىدىغان بولۇپ، تەبىئىي «ئوكسىگېنخانا» دېگەن نامى بار، ب...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 5-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگلىيەدىكى تۇنجى تاغ پويىزى تېما قىلىنغان رېستۇران 13-ماي ئوردۇنتا شادلىق باغچىسىدا تىجارەت باشلايدۇ، شۇ ۋاقىتتا بۇ رېستۇراندىكى بارلىق تاماقل...
07-05-2016
    ئامېرىكا  Quora تور پونكىتى تورداشلاردىن «مېھمانخانا تەرەپ قايسى ئىشلارنى خېرىدارلارغا دەپ بەرمەيدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان. تورداشلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:     1. ئاساسەن ھەر بىر مېھما...
07-05-2016
    شاڭخەيدە تويى بولغان يىگىت جەي جياڭ بىلەن كېلىنچەك كاڭ شىتىڭ ۋەيما يولىدا بىر مەيدان ئۆزگىچە «ئەرمەك ھايۋان تېما قىلىنغان توي مۇراسىمى» ئۆتكۈزدى، تويغا تەبرىكلەپ كەلگەن دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئەرمەك ئىتلىرىنى چىرا...
07-05-2016
    بىر نۇسخا يېڭى دوكىلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ كىنو رېژىسسورلىرى ئىچىدە، ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئاران %13.6 ئىكەن. 2005-يىلىدىكى %11.3 دىن 2014-يىلىدىكى %11.9 كىچە، ئون يىلدىن بۇيان ئاياللار رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو ...
06-05-2016
    مارۋېلنىڭ سۇپېر قەھرىمان فىلىمى «ئامېرىكا كاپىتانى 3» 5-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قويۇلۇپ، كېچىلىك مەيدان 17 مىليون يۈەن (دەسلەپكى سىتاتىستىكا) بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ، ئىچكى ئۆلكە بازىرى كىنوچىلىق تارىخىدا تۆ...
06-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ماي، شىنجاڭ قومۇلدىكى دەۋر مەيدانىدا، يېڭى بىر جۈپلەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. شۇ كۈنى «4-ماي» ياشلار بايرىمى كۈنى، شىنجاڭنىڭ قومۇل شە...
06-05-2016
4-ماي، خاڭدى يېزىسىنىڭ ئېرىقبويى كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-با...
06-05-2016
ئادىل غوجالىم     ‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.   &...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، شاڭخەي دىسنېي باغچىسى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش ھارپىسىدا، خەلق ئاممىسى خۇشال ھالدا دىسنېي كىچىك بازىرى، شىڭيۈەن كۆلى ۋە باغچىنى ساياھەت قىلغان بولۇپ، نەق مەيدان ناھايىتى تەرتىپلىك بولغان. ...
Powered by Leglek