ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ھەرقايسى نامزاتلارنىڭ ئېرىشكەن ئاۋاز سانى 505تىن ئاشمىدى .6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىككى نامزات ئىككىنچى نۆۋەتلىك سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدىغان بولدى .ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاۋازغا ئېرىشىشتىن بۇرۇن تالىبانلار ئەتىيازلىق ھۇجۇم قوزغىدى ،كېيىن ئافغانىستاندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئىككىنچى چوڭ ئۆكتىچى ئىسلام پارتىيىسىنىڭ قالايمىقانچىلىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشى سايلامنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلدى .ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتى قانداق بولدى ؟
ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا دائىم تۇرۇشلۇق نۇپۇس 4 مىليوندىن ئاشىدۇ .بۇ پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ يەتتىدىن بىرىچىلىك كېلىدۇ ،ئافغانىستاننىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى مەركىزى ھېسابلىنىدۇ ،سايلام يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ تېررورلۇق ھۇجۇمى كۆپ يۈز بېرىدىغان ئافغانىستاندا كىشىلەر سىرىتقا چىقىدىغان پۇرسەتتىن ۋاز كەچمىدى،شەھەر ئىچىدە يەنىلا ياخشى كەيپىيات داۋام قىلىۋاتىدۇ ،تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرسە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بۇ يەر ئىس تۈتەك قاپلىغان جەڭگاھقا ئايلىنىپ قالىدۇ ،بۇ قېتىمقى ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە ،ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتى ئىلگىركى ھەرقانداق چاغدىكىدىن كەسكىن بولدى ،بىر ھەپتە ئىچىدە پايتەخت كابۇلدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم تارماقلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى ،شۇڭا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتىن بۇرۇن پايتەختىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىزچىل كۈچەيتىلدى ،ئافغانىستاندەك ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى تارتقان دۆلەتتە پونكىتلار ناھايىتى كۆپ ،بىراق سايلام مەزگىلىدە ئەسلىدە ئىككى ئۈچ ساقچى تۇرىدىغان يەردە ھازىر تۇلۇق قوراللانغان ساقچى ئەترىتى تۇرىۋاتىدۇ ،ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئافغانىستانلىقلار مەھەللىسى بار ، ئۇلار ئاپتوموبىل بومبا قاتارلىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان ئاخىرقى مۇداپىئە لىنىيسىدۇر .
ھازىر ئافغانىستان پايتەختى كابۇل شەھىرىدىكى يوللارنىڭ ئېغىزىدا ئافغانىستان ساقچىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ ، شۇڭا ئافغانىستان پايتەختى كابۇل شەھىرىدە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تەكشۈرۈش قېتىم سانىنىڭ روشەن كۆپىيىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ .ئادەتتىكى قاتناش ساقچىسىغا ئوخشىمايدىغان يېرى ،ئۇلار تۇلۇق قوراللانغان ،تەكشۈرۈشمۇ بىر قەدەر قاتتىق ،مۇخبىر نەق مەيداندا بىر .ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈشكە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش مىنوت كېتىدىغانلىقىنى ،بۇنىڭ ئىلگىركى تەكشۈرۈش بىلەن زور پەرقلىنىدىغانلىقىنى بىلدى .ئامانلىقنى ساقلاشنىڭ كۈچىيىشىگە نىسبەتەن شۇ جايدىكى پۇقرالار بۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .تەكشۈرۈش پونكىتىغا يېقىن جايدا خۇمات بىر دۇكان ئاچقان ،قوراللىق ساقچىلار بىلەن بىر ئايدىن كۆپرەك بىللە تۇرغان خۇمات جىددىيچىلىك ھېس قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى .ئەكسىنچە بۇ ئىش ئۇنى خاتىرجەم قىلغان .ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى :‹ ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشالمەن ،ھازىر خاتىرجەم بۇلۇپ قالدىم ،چۈنكى بىزنىڭ بۇ يەردە ساقچىلار بار ،ھەم بۇ يەرگە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلدى ،ئۇلار قانۇنغا رىئايە قىلىدۇ ،ناھايىتى تىرىشىپ قانۇن بويىچە ئىش كۆرىدۇ ›. ئەمما بۇ ئەھۋالدىن ھەممە ئادەم رازى ئەمەس ،بىر ئاشلىق دۇكىنىدا مۇخبىر ئاشلىق ئامبىرى ئىشچىسى چار مايىننى زىيارەت قىلدى ،ئۇ پايتەختتىكى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ئامانلىق ساقلاشنى ئازراق بوشاشتۇرۇش كېرەك دەپ قارايدىكەن ،ئۇ نۇرغۇن كىشىگە ئوخشاش كەلگۈسىدىكى ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەۋېتىپتۇ .گەرچە ئافغانىستان ساقچىلىرىنىڭ ئامانلىقنى قوغدىشى روشەن كۈچەيگەن بولسىمۇ بىراق تالىبان قاتارلىق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئافغانىستاندىكى ھۇجۇمى بېسىقمىدى .سايلامدا ئافغانىستان قانداق يولنى تاللىشى كېرەك ؟پايتەخت كابۇل شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا قوراللىق ساقچىلارنىڭ ھىمايىسىدە ئۆتەمدۇ ؟بۇنىڭغا 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىنڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جاۋاب بەرگىلى بولدۇ .
6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنىڭ ئافغانىستان دائىرلىرى ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .تۇنجى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي تۇنجى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان ئافغانىستان ھۆكۈمەتكە قارشى ئىككىنچى چوڭ قوراللىق كۈچ ئىسلام پارتىيىسى ئىككىنچى نۆۋەتلىك سايلامنى توسىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ،ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتى بۇنىڭغا قارىتا ئىككىنچى نۆۋەتلىك سايلامنىڭ ئىسلام پارتىيىسىنىڭ چېكىنىپ چىقىشى بىلەن تەسىرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .سايلامغا قاتنىشىش قاتناشماسلىقنى ھەر كىم ئۆزى بەلگىلەيدۇ ،مۇستەقىل سايلام كومىتېتى بۇنى تالىشىپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،بىراق ھەر بىر قانۇنىي سايلىغۇچىنى مۇستەقىل سايلاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۇلارنىڭ بۇرچى .كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ھۆكۈمىتىنى سايلاپ چىقىشى كېرەك . ئىككىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئاۋاز بېرىشتا دۇچ كەلگەن بىخەتەرلىك تەھدىتى توغرىسىدا ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇخبىرلارغا سايلام مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ئىشەنچىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى .بىرىنچى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشتا ئافغانىستان قوراللىق كۈچلىرى سايلامغا ئوخشاش چوڭ سىياسىي پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرەلمەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى .سايلام تېخى ئاخىرلاشمىدى ،شۇڭا ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك سايلامدا ئاۋاز بېرىشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى ،ئۇلار يەنە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،كونكرېت لاھىيىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق تۈزۈپ چىقىدىكەن .
سىدىقنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە نۆۋەتتىكى سايلام بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل بولغان ئافغانىستان ساقچىسى 300مىڭ ئەتراپىدا بۇلۇپ ،ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۇنى 340 مىڭغا يەتكۈزمەكچى ئىكەن .بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئافغانىستان مۇستەقىللىق كومىتېتنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىش نۇقتىىسنى كۆپەيتىشكە قارىتا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بىخەتەرلىكنى باھالىشىغا قارايمىز دېدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved