كۇبا – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىغا خېلى ۋاقىت كېتىدۇ

شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان رايونغا جايلاشقان پاناما 11 – ئاپرېل بىر قېتىملىق تارىخىي ئۇچرىشىشقا شاھىت بولدى، جۈملىدىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۇبا رەھبىرى رائۇل كاستېرو 7 – نۆۋەتلىك ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويغىنىغا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى.
بۇ قېتىمقى ‹‹يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك كېچىككەن ئۇچرىشىش›› كۇباغا نىسبەتەن ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. 1975 – يىلى دېكابىردا فىدېل كاستېرو: كۇبا ئامېرىكا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە ھەر ۋاقىت تەييار، لېكىن، سۆھبەت چوقۇم باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك، دېگەنىدى. بىراق، ئامېرىكا كۇبانىڭ ياخشى مۇددىئاسىغا دۈشمەنلىشىش ۋە قامال قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.
ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا جازا يۈرگۈزۈشى ۋە قامال قىلىشى كۇبانى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى، 2013 – يىلى ئاپرېلغا قەدەر كۇبانىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىغان ئىقتىسادىي زىيىنى 1 تىرىليون 100 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى. بۇنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزاق داۋاملاشقان، ئەڭ رەھىمسىز قامال قىلىش، دېيىشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، دۇنيا ئەھلى ئامېرىكا ۋە كۇبا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا يۈكسەك دىققەت قىلغاندىن سىرت، يەنە كۇبا خەلقىنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى.
قامال قىلىش تېخىمۇ كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشنى قوزغايدۇ، دېدى رائۇل باشلىقلار يىغىنىدا. ئامېرىكا كۇبانى 50 نەچچە يىل قامال قىلىپمۇ، ئۇنى ئۆزگەرتەلمىدى. كۇبالىقلار بۇنىڭغا بەرداشلىق بەردى ھەم تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسىنى يېڭىلاش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلارنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇردى. نەتىجىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما كۇبانى قامال قىلىش سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى، بۇ سىياسەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
ئوباما كۇباغا قارىتىلغان سىياسەتنى تەڭشەشكە كۇبانى قامال قىلىش سىياسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى يوشۇرمىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا ئۆز مەنپەئىتىنى ئويلاشقاندا، يەنە كۇبانى قامال قىلىش سىياسىتىنىڭ كىشىلەرنى بىزار قىلغانلىقىنى، بۇ سىياسەت ئامېرىكىلىقلارنى نارازى قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا، ئامېرىكىدىن كۇباغا قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى ئامېرىكىغا ھەر جەھەتتىن زور بېسىم بولدى.
ئۆتكەن ئون يىلدا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي كۈچى ئاشتى، دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي جەھەتلەردىكى مۇستەقىللىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلار ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكىغا تايىنىش ھالىتىدىن بارا – بارا قۇتۇلۇپ، رايون سىرتىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خەلقئارا سىستېمىغا سىڭىپ كىرىش يۈزلىنىشى كۈنسېرى روشەنلەشتى. كۇبا ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ قول ئېلىشىشى ئامېرىكا قىتئەسنىڭ كۈچ ئەندىزىسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ئىستراتېگىيەگە پىششىق بولۇپ كەتكەن ئامېرىكىلىقلار ۋەزىيەتنىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان مۆلچەرلىگەن بولسا كېرەك.
كۇبا رەھبىرىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ھەم يىغىن مەزگىلىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئۇچراشقانلىقى ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بىراق، كۇبا ئىنقىلابىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ كۇبانى قامال قىلىشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان رائۇل ئامېرىكىنىڭ كۇبانى قامال قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىشى ۋە كۇبا – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. ئۇ ياخشى نىيەتلىك ‹‹تاماشىبىنلار››نى: بەك چوڭ ئۈمىد كۈتمەڭلار، چۈنكى ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ مۇناسىۋەت، دەپ ئەسكەرتتى.
كۇبانىڭ سابىق ئىنقىلابىي رەھبىرى فىدېل كاستېرونىڭ بۇنىڭدىن 40 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان باراۋەرلىك ئاساستا سۆھبەتلىشىش ئارزۇسى بۈگۈنكى كۈندە پانامادا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدا ئەمەلگە ئاشتى. ۋاھالەنكى، كۇبا بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئاداۋىتىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۈگىتەلىشى قىيىن، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ قېلىشىنى يەنىلا سەۋرچانلىق بىلەن ئۇزاق ۋاقىت كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
16-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek