ئېلىمىزدىكى بەش يۈرۈش خەلق پۇللىرىنىڭ ساقلاش قىممىتى قانچىلىك؟

 

     خەلق پۇلىنى يىغىپ ساقلاشنىڭ «پۇلدىن پۇل تۇغدۇرۇش» دېگەن گۈزەل نامى بار، ئۇ يىغىپ ساقلاش ساھەسىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن بىر تۈر، شۇنداقلا «ئاقسۆڭەكلەرگە مەبلەغ سېلىش» دەپمۇ قارىلىدۇ. ئۇنداقتا خەلق پۇللىرىنىڭ قانچىلىك يىغىپ ساقلاش قىممىتى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.


1-يۈرۈش خەلق پۇلى



   1-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ تارقىتىلغان ۋاقتى 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1953-يىلى 2-ئايغىچە بولۇپ، ئوبوروت ۋاقتى ئەڭ قىسقا خەلق پۇلى ھېسابلىنىدۇ.


(پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ)


   بۇ بىر يۈرۈش خەلق پۇلىدا جەمئىي 12 خىل قىممەتتىكى پۇل تۈرى، 62 دانە باسما نۇسخىسى بار بولۇپ، بازاردا مونوپوللۇق ئورنىنى ئىگىلىگەن، يىغىپ ساقلاش قىممىتى ۋە بازار باھاسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى.


   1-يۈرۈش خەلق پۇلىدىكى «پادىچى يىگىت رەسىمى بار 10 مىڭ يۈەن» لىك قەغەز پۇل 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، شاڭخەي خوڭشېڭدا كىمئارتۇق قىلىنغاندا تۆت مىليون يۈەن خەلق پۇلى (ئىچىدە كېلىشتۈرۈش ھەققىمۇ بار) غا سېتىلىپ، جۇڭگونىڭ قەغەز پۇل يىغىپ ساقلاش بازىرىدىكى يېڭى پۈتۈشۈش (سودىدا) رېكورتىنى يارىتىپ، «جۇڭگو قەغەز پۇل پادىشاھى» غا ئايلانغان.


2-يۈرۈش خەلق پۇلى



   2-يۈرۈش خەلق پۇلى 1-يۈرۈش خەلق پۇلى ئاساسىدا 1955-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تارقىتىلغان.


(پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ)


   2-يۈرۈش خەلق پۇلى 1964-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئوبوروت ساھەسىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ مۇئەييەن تارىخىي بۇرچىنى تاماملىغان. بىر خىل ئالاھىدە ۋە روشەن دەۋر يادىكارلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەدىئىي ئالاھىدىلىك ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقى «پېشانىسىگە پۈتۈلگەن» بۇ قەغەز پۇلنىڭ يەنە باشقا ئالاھىدىلىكى، يەنى كۈچلۈك ھەم مۇقىم بولغان خەلق پۇلىنى يىغىپ ساقلاشقا مەبلەغ سېلىشتەك فۇنكسىيەسى بار.


   1953-يىلى تارقىتىلغان 10 يۈەن. شۇ ۋاقىتتىكى يىغىپ ساقلاش ئېڭى يۈزەكى بولغاچقا، ئىنتايىن ئاز ساقلانغان، مۇكەممەل ساقلانغان قەغەز پۇلمۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرىغان، شۇڭلاشقا يىغىپ ساقلاش قىممىتى يۇقىرى بولغان. 2-يۈرۈش خەلق پۇلى «پۇل پادىشاھى» بولۇشقا مۇناسىپ بولغاچقا، يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارلىرى ئۇلارنى «چوڭ قارا 10 يۈەن» دەپ ئاتاشقان.

   جۇڭگو خەلق بانكىسى 3-يۈرۈش خەلق پۇلىنى 1962-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ تارقاتقان. ئۇ 2-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ سېلىشتۇرما باھاسى بىلەن تەڭ، شۇنداقلا بازاردا ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاش ئوبوروت قىلىنغان.

   3-يۈرۈش خەلق پۇلى 1962-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى چىلان رەڭلىك بىر موچەنلىك قەغەز پۇل تارقىتىلغاندىن باشلاپ، تاكى 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگە كەلگەندىلا ئاندىن ئوبوروت قىلىنىشتىن توختىغان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 38 يىل ھۆكۈم سۈرگەن.


(پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ)



   3-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ چوڭ بىر يۈرۈشى 3-يۈرۈش خەلق پۇلىغا تەۋە ھەممە قەغەز پۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، يىغىپ ساقلاشتا ئىنتايىن زۆرۈر ساقلانما بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى قەغەز پۇلنىڭ سانىنىڭ ئاز ۋە تارىخىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى 1-يۈرۈش قەغەز پۇلنىڭ يىغىپ ساقلاش قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بازار باھاسىنىمۇ ئۆستۈرۈۋېتىدۇ، 3-يۈرۈش قەغەز پۇلىنىڭ سانىمۇ ئاز بولسا، ئۇمۇ ئوخشاشلا يىغىپ ساقلاش ساھەسىدىكى يېڭى يورۇق يۇلتۇزغا ئايلىنالايدۇ.

   3-يۈرۈش قەغەز پۇلىدىكى كەينىدە يېشىل سۇ باسمىسى بار بىر مونىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولۇپ، 1964-يىلى تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئاران 14 ئاي ئىشلىتىلىپلا قايتۇرۇۋېلىنغان، ئۇ يېڭى جۇڭگودىكى ئوبوروت ۋاقتى ئەڭ قىسقا قەغەز پۇل ھېسابلىنىدۇ، شۇڭلاشقا يىغىپ ساقلاش قىممىتى 3-يۈرۈش قەغەز پۇلى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى.


4-يۈرۈش قەغەز پۇل



   4-يۈرۈش قەغەز پۇلى 1987-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى جەمئىي توققۇز خىل قىممەتتە 14 خىل پۇل تارقىتىلغان.


 


   چۈنكى 4-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ بەت شەكلى بىلەن 5-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ پەرقى ئىنتايىن چوڭ، شۇڭلاشقا قىممىتى يوق قەغەز پۇلمۇ يىغىپ ساقلاش قىممىتىگە ئىگە. 1980-يىلى بېسىلغان 50 يۈەنلىك پۇل يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يىغىپ ساقلاش ساھەسىدە كىشىلەرنى بىر قەدەر جەلىپ قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.


   تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 5-يۈرۈش خەلق پۇلىدا ئىككى يۈەن ۋە ئىككى مو قىممىتىدىكى قەغەز پۇلنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا بازاردىمۇ بۇ ئىككى خىل قەغەز پۇلنى تاپقىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدىن شۇنى ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئىككى خىل قەغەز پۇلنىڭ سانى ئانچە كۆپ ئەمەس، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ قولىدا دېيىشكە بولىدۇ، شۇڭلاشقا 1980-يىلى بېسىلغان ئىككى يۈەنلىك ۋە ئىككى مولۇق قەغەز پۇل كەلگۈسىدە يىغىپ ساقلانغان قەغەز پۇللار ئىچىدىكى «قارا ئات» قا ئايلان غۇسى.


5-يۈرۈش خەلق پۇلى


   1999-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو خەلق بانكىسى ئارقا-ئارقىدىن 5-يۈرۈش خەلق پۇلى (1999-يىلىدىكى باسمىسى) نى تارقاتقان. 5-يۈرۈش خەلق پۇلىدا بىر يۈەن، بەش يۈەن، 10 يۈەن، 20 يۈەن، 50 يۈەن، 100 يۈەن قىممىتىكى ئالتە خىل پۇل بار، بۇنىڭ ئىچىدە بىر يۈەن قەغەز پۇل ۋە تەڭگە پۇل شەكلىدە تارقىتىلغان.

       5-يۈرۈش قەغەز پۇل بۈگۈنكى كۈندە ئوبوروت قىلىنىۋاتقان پۇل بولۇپ، 1999-يىلىدىكى باسمىسى ۋە 2005-يىلىدىكى باسمىسى دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 100 يۈەن، 50 يۈەن، 20 يۈەن، 10 يۈەن، بەش يۈەننىڭ 1999-يىلىدىكى ۋە 2005-يىلىدىكى باسمىسى بار، بىر يۈەننىڭ پەقەت 1999-يىلىدىكى باسمىسىلا بار. ئادەتتە 5-يۈرۈش خەلق پۇلىنى يىغىپ ساقلاشتا، كىشىلەر نومۇرى بويىچە يىغىپ ساقلاشقا يۈزلەنگەن.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
       5-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كانزاس شىتاتى قارا قۇيۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، قارا قۇيۇن قەدەم باسقان جايلار ئېغىر ۋەيرانچىلققا ئۇچراپ، ئۆيلەرنىڭ بىرسىمۇ ساق قالمىغان. قارا قۇيۇن يېت...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈش سائەت 12 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ ئامامى ئوشىما ئارى...
27-05-2016
        5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
26-05-2016
   مۇخبىرنىڭ 24-ماي سىچۈەن ئورمانچىلىق بايلىقى ۋە ئۈنۈمنى كۆزىتىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە سىچۈەندە سۈنئىي كۆپەيتىلگەن مۈشۈكئېيىق سانى 364كە يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۈشۈكئېيىق ...
26-05-2016
  سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئاستا-ئاستا ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا تۇز سىزىق بويىچە ئۆرلەيدىكەن. 25-ماي يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃27 بولغان. بۈگۈن (26-ماي) يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ℃30 بولۇشىدا ئۈمىد زور ئىكەن. ...
26-05-2016
 شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈچ يىللىق باسقۇچلارغا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، كۆلىمى 304 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ باغچىسى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 8-شەھەر دەرىجىلىك باغچا...
26-05-2016
سۈرەتتە: ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى ياماگۇچى ئۆلكىسى شىمونوسېكى شەھىرى (Yamaguchi Prefecture Shimonoseki City) سۇ جانلىقلىرى سارىيى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىككى قەلئە پىنگىۋىنىنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچ...
26-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 25-ماي، سىرىلانكا كولومبو، شۇ جايدىكى كەلكۈن چېكىنگەندىن كېيىن، خەلق ئاممىسى ئۆي-ماكانلىرىنى تازىلاپ، يىغىشتۇردى.
25-05-2016
    «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي ئافرىقا كىرۇگېر دۆلەت باغچىسىدا، بىر دېڭىز تاشپاقىسىنى تىمساھ تۇتۇۋالغاندىن كېيىن، قېپىنىڭ ئىچىگە مەھكەم يوشۇرۇنۇۋالغان. گەرچە دەسلەپتە تىمساھلار ئامال قىلالمىغان ...
25-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 25- ماي رۇسىيە يىراق شەرق فېدېراتسىيە رايونى ئورمانچىلىق باشقارمىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، ش...
Powered by Leglek