بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئامېرىكا مۇداپىئە خەۋەرلىرىدە يېقىندا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاۋىئاتسىيە مۇداپىئە بوشلۇقى قىسمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى ،بۇ قىسىمنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلدىغان بومبىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تۆۋەن بوشلۇقنى كۆزىتىش ،ئالەم ئۇچقۇرىنى قۇيۇپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
خەۋەر قىلىنىشىچە رۇسىيىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يۇرى بۇرىسۇ رۇسىيە رۇسىيە ئاۋىئاتسىيە ئالەم بوشلۇقى قىسمىغا ئىككى تىرىليون رۇبلى يەنى 540 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ ،يېڭى قورال سېتىۋېلىش ئارقىلىق ھازىرقى قورال يارغلىىرنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈشنى پىلانلىدى دېدى .پىلان بۇيىچە رۇسىيە ئاۋىئاتسىيە ئالەم بوشلۇقى قىسمى 2015 -يىلى قۇرۇلما تەڭشەشنى تاماملاپ بولىدىكەن .رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاۋىئاتسىيە ئالەم بوشلۇقى قىسمىنىڭ باياناتچىسى 2015-يىلىدىن كېيىن رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە تورى ھاۋا بوشلۇقى بىلەن يەر يۈزى ئاخباراتىنى توپلاش چە باشقۇرۇلدىغان بومبا ئاگاھلاندۇرۇش تورى ، ھاۋا مۇداپىئە قوماندانلىقى شىتابى ، ھاۋا مۇداپىئە كونترول ئورگىنى ۋە ئاقا سەپ ياردەم ئورگىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېدى .
ئۇ بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە ئاۋىئاتسىيە ئالەم بوشلۇقى سېسىتىمىسى ھاۋادىكى يۇشۇرۇن تەھدىتكە مەسئۇل ھەر قايسى قىسىمدىن تەشكىللەنگەن بۇلۇپ مۇھىم نۇقتىنى ھاۋا تەھدىتنى كونترول قىلىدىغان رادار سېستىمىسغا قارىتىدۇ دېدى . رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەتقىق قىلىۋاتقان ،ئاۋىئاتسىيە ئالەم بوشلۇقى تۈرلىرىگە يەنە ئىلغار راكىتا تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭى ئۇچقۇلارنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يەنە دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىنى كۆتۈرىگە ئالغۇچى كارخانا بىلەن 350 مىليون رۇبلىلىق تۈردە كېلىشىم ھاسىل قىلىشتى .رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسمى 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تەشكىللەنگەن بۇلۇپ ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە باشقۇرۇلدىغان بومبا ئاگاھلاندۇرۇش سېستىمىىسنى باشقۇرۇش ،ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىش ئاۋىئاتسىيە ئۇچقۇسىنى كونترول قىلىش ۋە قۇيۇپ بېرىش قاتارلىق ۋەزىپىسى بار .ئامېرىكىدىن باشقا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يېقىندىن بۇيان رۇسىيە چېگرا رايونىغا باشقۇرۇلدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتتى دەپ قارىدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved