تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇش-قۇرۇق ئاۋارىگەرچىلىك

ئامېرىكا تارىخشۇناسلار جەمئىيىتى بۇ يىل 3-ئايدا نەشىردىن چىقىدىغان ھۆكۈمەت ژۇرنىلى «تارىخ نۇقتىسى»دا، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 19 تارىخشۇناسى بىرلىشىپ يازغان ماقالىنى ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ئابى شېنزو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار ھەققىدىكى تارىخنى بۇرمىلاش ھەققىدىكى تۈرلۈك ئۇرۇنۇشلىرىغا رەددىيە بېرىدۇ.


بۇ ئىش-ئامېرىكا مىكگىراۋ ھىل مائارىپ گۇرۇھى نەشىر قىلغان بىر پارچە تارىخىي دەرسلىكتىن پەيدا بولدى. بۇ تارىخىي دەرسلىكنىڭ ئىسمى «ئەنئەنە ۋە كەچۈرمىش: تارىخقا ئالاقىدار دۇنياۋى نەزەر» بولۇپ، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئىشلىتىلگەن. دەرسلىكتە ياپونىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا، 200 مىڭدىن ئارتۇق ئايالنى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشقا مەجبۇرلاش پاكىتى بايان قىلىنغان.


بۇ دەرسلىك نەشىردىن چىققاندىن كېيىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى توختىماي بېسىم ئىشلىتىپ، ماكگىراۋ ھىل مائارىپ گۇرۇھىدىن ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللارغا ئالاقىدار مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

«كەسپىي ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ بۇ يىل 1-ئايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتى بىزنىڭ نىيۇيوركتىكى باش كونسۇلخانىمىزدىكى خىزمەتچىلىرىمىز بۇلتۇر 12-ئايدا ماكگىراۋ ھىل مائارىپ گۇرۇھىنىڭ ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، دەرسلىكتىكى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار، ياپونىيە بىلەن كورىيە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان دېڭىز ساھىلىنىڭ ئىسمىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، يۇقىرىقى ئىككى مەسىلىدە، دەرسلىكنىڭ مەزمۇنى بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقان مەيدانى بىر-بىرىگە زىت دېگەن دېدى.


ماكگىراۋ ھىل مائارىپ گۇرۇھى «تارىخىي پاكىتنى قوللايمىز» دېگەن سەۋەب بىلەن بۇنى قەتئىي رەت قىلدى. شۇڭا، ئامېرىكا كوننېكتىكۇت ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلقئارا تارىخشۇناسلىق پىروفېسسورى ئالىكىس داندون ئامېرىكىنىڭ 19 تارىخشۇناسىنى بىرلىكتە ماقالە يېزىشقا تەشكىللەپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا نەشىر سودىگەرلىرىگە تارىخ دەرسلىكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە بېسىم ئىشلىتىش قىلمىشىغا بولغان گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇنى تەنقىد قىلدى. داندون تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېكىتىلگەن تارىخىي پاكىتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى-سىرتتىكىلەردە ياپونىيەنىڭ ئىلىم ئەركىنلىكىگە بولغان كۈچلۈك ئەندىشىنى قوزغىدى. ئابى شېنزو ئىسپاتلىنىپ بولغان دۆلەت ئەسلىمىسىنى ئاشكارا پەردازلاشقا ئۇرۇنماقتا، ئۇ ئەسلىمە بىلەن تارىخنىڭ ئىككى ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.


ئامېرىكىدىكى بەزى ئاساسلىق تاراتقۇلار ئابى شېنزو ياپونىيەنىڭ چەتئەللەردىكى دۆلەت ئوبرازىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، زەربىدارلىق بىلەن تارىخنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇندى، ماكگىراۋ ھىل مائارىپ گۇرۇھىغا بېسىم ئىشلىتىشىمۇ بۇنىڭ بىر مىسالى دەپ كۆرسەتتى. «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» بۇ يىل 1-ئايدىكى بىر خەۋىرىدە گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتىپ، ئابى شېنزو ئېقىمىدىكى مۇتەئەسسىپلەر تارىخنى بۇرمىلاپ، ئۇرۇش ۋاقتىدىكى ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى ئاسىيانى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەش دەپ تەسۋىرلىمەكچى دېدى.

 

تەنقىد ماقالىسىنى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان تارىخشۇناسلارنىڭ بىرى بولغان بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكولتىتىنىڭ پىروفېسسورى فىرانسىسكا سېرافىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا تارىخشۇناسلار جەمئىيىتى پات ئارىدا «ياپونىيە تارىخشۇناسلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېگەن باياناتنى ئېلان قىلىپ، ياپونىيە تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بۇلتۇر 10-ئايدىكى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار مەسىلىسىدىكى ئابى شېنزوغا رەددىيە بېرىش باياناتىنى قوللايدۇ دېدى.


كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تۈرىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مارك سېلدېنمۇ بىرلىشىپ ماقالە ئېلان قىلىدىغان 19 تارىخشۇناسنىڭ بىرى. ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا نەشىر سودىگەرلىرىگە بىۋاسىتە، ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىشى نورمالسىزلىق، ئامېرىكىدىكى ياپونىيە ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان 19 ئالىم ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا ئېتىراز بىلدۈرۈشتىن سىرت، يەنە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى، 731-قىسىم قاتارلىق تارىخىي پاكىتلارنى ئېتىراپ قىلىشقا ئۇنىمىغانلىقىغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، بىرلىشىپ ماقالە ئېلان قىلىدۇ دېدى. سېلدېن ياپونىيە سىياسىي سەھنىسىدىكى يېڭى مىللەتچىلىك-ياپونىيە-كورىيە مۇناسىۋىتى ۋە ياپونىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئەلۋەتتە يەنە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ بار دەپ ھېسابلىدى.


بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكولتېتىنىڭ پىروفېسسورى دېۋون پانداس مۇخبىرغا ئامېرىكا تارىخشۇناسلىرىنىڭ كوللېكتىپ ھالدا ئالاھىدە بىر ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىشى بىر ناھايىتى پەۋقۇلئاددە ئىش، ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا تارىخشۇناسلىق ساھەسى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماكگىراۋ ھىل مائارىپ گۇرۇھىغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى ئۇققان چاغدا، ھەممىمىز ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق، تارىخنى بۇرمىلاش-ئەۋلادلارنى خاتا يېتەكلەپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئىلىم ئەركىنلىكىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلىدۇ دېدى.



خەتكۈچلەر:
09-02-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
    2016- يىلى 27- ئاپرېل دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭيى دىياۋيۈ دۆلەتلىك مېھمانسارىيىدا ئاسىيا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىر يىغىنى 5-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقىلى دۆلىتىمىزگە كەلگەن قىرغىزىستان...
28-04-2016
    ئاۋسترالىيە قىتئەسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىر تۈرلۈك ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىدە نامايان بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت 5 دىن 1 كىشىلەرلا بۇ دۆلەتنىڭ سابىق زۇڭلىسى Kevin...
28-04-2016
     ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى كىلىنتون ھىلارى ئەگەر ئامېرىكا سايلىمىدا غەلىبە قىلسا، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرېزىدېنت بولۇپلا قالماي يەنە رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى كابېنتنىڭ يېرىمغا يېقىن ئەزاسى ئاي...
28-04-2016
    چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 26-ئاپرېل بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قىز، ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېلەر يىلدىن باشلاپ ھىندىستاندا سېتىلدىغان بارلىق يانفونلارغا جىددىي ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋا ۋاقتى 28-ئاپرېل 5:01 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 10:01 مىنۇت) رۇسىيە يېڭى شەرق ئالەم قاتنىشى راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا تارىختا ...
28-04-2016
     «دەۋر» ژۇرنىلى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوللىۋود كىنو چولپىنى ۋە ئامېرىكا تېررورلىققا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى Quanticoنىڭ باش رولچىسى پرىيانكا چوپرا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ ...
28-04-2016
   ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24-ئاپرېل ھاراقچىلىق كەسپى ماگناتى ۋىجاي مالىئانىڭ پاسپورتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى دەلىللىدى. ۋىجاي مالىئا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق قەرز بولۇپ قېلىپ، ئالدىنقى ئايدا چەتئەل...
28-04-2016
    ئوتتۇرا شەرقتە مالىمانچىلىق توختىمايۋاتقان، ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئاۋازغا قويۇشقا دۇچ كەلگەن، گېرمانىيە مۇساپىرلار سىياسىتىنىڭ قىينىشىغا چوڭقۇر ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇش...
28-04-2016
    ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى Facebookدا شەخىسلەرنىڭ شەخسىي ماتېرىيالى، باش سۈرىتى، ئەھۋالىنىڭ يېڭىلىنىشى، شۇنداقلا ئابونتلارنىڭ دوستلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما ئابونتلارنىڭ مەزكۇر تورغا بولغان ئىش...
28-04-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 27-ئاپرېل، ئەنگىلىيە لوندوندا شەھەر ئاھالىلىرى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ سىرتىدا ماسكا تاقىغان ھالدا يەردە جەسەتتەك يېتىپ ھاۋا بۇلغىنىشقا قارشى ئېتىراز بىلدۈرگەن. «ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىش» نى تەش...
Powered by Leglek