ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 10-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، رادىكال تەشكىلات ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكىلىق ئايال كارا مىللېرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن، شۇ كۈنى مىللېرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى دەلىللىگەن.
ئوباما مىللېرغا تەزىيە بىلدۈرگەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئوباما باياناتىدا مىللېرنىڭ زادى قانداق قازا قىلغانلىقىنى ئېيتمىغان.
‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› ئالدىنقى ھەپتە مىللېرنىڭ ئىئوردانىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ سۇرىيە چېگراسى ئىچىدە ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› گە قارىتا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ خەۋەرنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مىللېر بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىلگىرى ھىندىستان، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن قاتارلىق جايلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتىدا خىزمەت قىلغان. سۇرىيە توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ سۇرىيە ۋە تۈركىيە چېگراسىغا بېرىپ مۇساپىرلارغا ياردەم قىلغان. 2013-يىل ئاۋغۇستتا ئۇ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› قوراللىق ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved