كۈتكەن كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى. سالمان ۋە شاھرۇھ خان Bigg Boss 9 پروگراممىسىدا رەسمىي ئۇچراشتى. بۇ قېتىم شاھرۇھ خان ئۆزىنىڭ يېڭى فىلىمى «Dilwale» نى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن سالمان خاننىڭ پروگراممىسى Bigg Boss 9غا قاتناشتى. يەكشەنبە كۈنى كۆرسىتىلگەن پروگراممىدا ئىككى چولپان سەھنىنى قىزىتتى. ئۇلار بىر-بىرسىنىڭ ناخشىسىغا ئۇسسۇل ئويناپ يۇمۇرىستىكلىقىنى ئىپادىلىدى، دوستلۇقىنى نامايان قىلدى.
پروگراممىنىڭ سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە ئىككى چولپان بىر –بىرسى ھەققىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار توغرۇلۇق سوئال سوراپ جاۋاب بەردى. سوئاللار ئىككەيلەن «كاران ئارجۇن»نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا شاھرۇھ خاننىڭ خورەك تارتىدىغان ئادىتى، سالمان خاننىڭ چۇس مىجەزى، ئىككەيلەننىڭ چىرايلىق قىزلارغا قانداق كۆز تاشلايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش بۇ ئىككى گىگانت چولپاننىڭ ھەقىقىي تۈردە ئەپلىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا سالمان خان ۋە شاھرۇھ خان ئۆز ئارا سوغۇق ئۇرۇش ئېلىپ بارغان، ئۇلارنىڭ جېدىلى 2008-يىلى كاترىنا كەيفنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە باشلانغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved