پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
دورتمۇند كۇلۇبى ئورگان تەرەپ كوماندىنىڭ ھۇجۇمچىسى روئىس بىكەن 2019-يىلىغىچە توختام ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشچە بۇ توختامدا كېلىشىمنى بىكار قىلىش ھەققى چىقىرىۋىتىلگەن.
روئىس مۇنداق دەيدۇ :« بۇ يەر مېنىڭ يۇرتۇم. دورتمۇند كۇلۇبى ئۆزۈمنىڭ كۇلۇبى. مەن كوماندا ۋە كەينىمىزدىن بىزنى قوللاۋاتقان توپ مەستانىلىرىم بىلەن غەلبىلىك كەلگۈسىگە تەقەززا بولۇۋاتىمەن. ھازىر قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن ئىش بار. مەن پۈتۈن كۈچۈمنى ئىشقا سېلىشىم كېرەك.»
بۇ ئىشلارنىڭ بىر تەرەپ بولۇشىغا پەقەتلا بىر كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. تۈنۈگۈن گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى دورتمۇند كۇلۇبىنىڭ روئىس بىلەن توختام ئۇزارتىشتا چوڭ ئىچكىرلەش بولغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ ھازىرقى توختام ئۇزارتىشنى تاماملاپ بولغانغا قەدەر « روئىس نەگە بارىدۇ؟» دېگەن سوراقنىڭ كەينىگە ئاخىرى چېكىت قۇيۇلدى.
دورتمۇند كۇلۇبىنىڭ تەنتەربىيە ئاساسىي باشقرغۇچىسى زورك مۇنداق دەيدۇ :« روئىس ھەقىقەتەن دۇنيادىكى بارلىق ئەڭ قالتىس كوماندىلارغا بارسا بولاتتى. بىراق ئۇ دورتمۇند بىكەن توختام ئۇزارتىشنى تاللىدى. ئۇنىڭ بۇ قارارى شۇنى بىلدۈرىدۇكى ئۇنى كۆڭلى ئۆز يۇرتىدا ۋە ئۆز يۇرتىنىڭ كوماندىسىدا بولغانلىقىدا. دورتمۇند كۇلۇبىنىڭ رىقابەت قاتلىمىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن روئىس ھەقىقەتەن قىممەتلىك ئۇل تېشى ھېسابلىنىدۇ.»
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved