جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ1-كۈندىكى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمسى ، ئەنگىلىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلشىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ساقچىلىرى -چېسلا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشىلتىپ 2013-يىلدىكى چوڭ نامايىشنىڭ بىر يىللىقنى خاتىرلەش پائالىيتىگە قاتناشقان نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرغان .
بىر يىل ئىلگىرى، ئىستانبول غازى باغچىسنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش تۈرى نامايىشچىلارنىڭ قاتتىق نارازلىقنى قوزغاپ چوڭ كۆلەملىك نامايىش پارتىلغان ھەمدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بىرىپ نەچچە مىڭ ئادەم يارلانغان ئىدى.
تۈركىيەنىڭ باش مىنىسىتىر ئەردوغان بۇندىن سەل ئىلگىرى ياشلارنى شەنبە كۈندىكى نامايىشقا قاتناشماسلىققا دەۋەت قىلغان، ھۆكۈمەت تەرەپمۇ ئىستانبولدىكى تاكسىم مەيدانىغا يىغلىشنى چەكلەش بۇيرۇقى جاكارلىغان بۇلۇپ، تەخمىنەن 25مىڭ ساقچى ئاجرىتىپ تاكسىم مەيدانىنى قامال قىلغان. بىراق نامايىشچىلار يەنىلا تاكسىم مەيدانىغا ئاتلىنىپ ساقچىلار بىلەن سۈركىلىش يۈز بەرگەن.
ساقچىلار يۇقىرى بېسىملىق سۇ تۇربىسى ۋە بىرونۋىك قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللار بىلەن تاكسىم مەيدانى ۋە تاكسىم مەيدانى ئەتراپىدىكى غازى باغچىسى يولىنى قامال قىلغان ، كۆپلىگەن نامايىش قىلغۈچىلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش جەريانىدا قولغا ئېلىنغان.
يەنە نەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلشىچە، شۇيەرلىك بىر ئەمەلدار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەخ مەيداننى سۈرەتكە ئېلۋاتقان ئامىرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەر تورىنىڭ بىر مۇخبىرنى قولغا ئالغان.
يەنە بىر شەھەر ئەنقەرەدە بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئوخشاشلا نامايىش قىلغۇچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان.
بۇلتۇر غازى باغچىسى نارازلىق نامايىشنى تەشكىللىگۇچى تەشكىلات ‹‹تاكسىم ئىتىپاقلىق سېپى›› مۇراجەتنامە ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشنىڭ بىر يىللىقنى خاتىرلەش يېڭى پائالىيتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشنى ئۈمۈد قىلغان.
بىراق تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان بۇندىن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلغاندا، مەزكۇر تەشكىلاتنى سۈپەتلەپ ‹‹تېرورلۇق تەشكىلاتى››دىگەن، ئۇنىڭ ئەيىبلەپ ئېيتىشىچە،مەزكۇر تەشكىلات ئەخلاق ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە بىر قەدەر ئاجىز بولغان تۈركىيە ياشلىرنى قۇترىتىپ دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقنى بۇزماقچى بولغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved