ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى 250 كىشىنى تۇتقۇن قىلدى

 جاھان ئاگېنتلىقى 25-فېۋرال خەۋىرى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئىراقنىڭ تىكرىت رايۇنى ئەتراپىدا كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن كۆپ كىشىنى تۇتقۇن قىلدى. سۇرىيەدە بولسا ھاسەكە ۋىلايىتىدە بۇ ھەپتىدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى 15 كە يەتتى. تىكرىتنىڭ دىنى رەھبەرلىرىدىن شەيىخ ئەنۋەر ئۇبەيدى ئەلجەزىرە مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى رۇبەيسە يېزىسىدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن 9 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 127 كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ۋە ئۇلاردىن 21 كىشنى قۇيۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇبەيدى تەشكىلاتنىڭ قولىدا 9-10 ياشلاردىكى كىچىك بالىلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇبەيدى تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇش قىلغانلارنىڭ يېقىن تۇققانلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۆز قەبىلىسىدىن 600 كىشىنىڭ ئىيۇل ئېيىدىن بۇيان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مەزكۇر رايۇندىكى سۈننىي قەبىلىلىرىنى جازالىماقچى بولغان بولۇپ، سۈننىي قەبىلىلەرنىڭ ئىراق ئارمىيسىگە تەشكىلاتقا قارشى باشلىغان كۈرەشلىرىگە ياردەم بەرگەنلىكىگە جازا بېرىش ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ئېنىقلاندى. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى سۇريانىدىن 150 خىرىستىئاننى تۇتقۇن قىلدى سۈريانى ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش ئورنى، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيەنىڭ ھاسەكە ۋىلايىتىدىكى 12 بازارنى كونترول قىلغانلىقىنى، تۇتقۇن قىلغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ 150 كە يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سۇريانى ئىنسان ھەقلىرى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ باشلىقى ئۇسامە ئېدۋارد ئەلجەزىرە مۇخبىرىغا سۆز قىلپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ھاسەكە رايۇنىغا يېقىن يېڭىدىن كونترول قىلغان بازارلاردا ئايال ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىدۋارد، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ تەشكىلاتنىڭ سۇرىيەدىكى لاگېرلىرىغا تارقىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.



26-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek