«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگرامما گېزىتى»نىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئىران نەشر قىلىنىدىغان نەشر بۇيۇملىرىدا «ھاراق» ۋە چەتئەلدىكى ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىشنى شۇنداقلا چەتئەلدىكى سىياسىي ئەرباب ۋە دىنىي جەمئىيەتتىكى مۇھىم كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئىران مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مەسلىھەتچىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ نەشرىياتقا مەسئۇل خادىمى مۇھەممەد: «يېڭى كىتابلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇش باسقۇچىدا بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىز كىتابنىڭ ھەربىر بېتىنى بىر - بىرلەپ ئوقۇپ چىقىدۇ ۋە كىتابتىكى مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەكمۇ - يوق، دېگەننى جەزملەشتۈرىدۇ ھەمدە ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ تەلىپى بويىچە، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ زەربىسىگە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىزمەتچىلەر يەنە، بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلارنىڭ پەيغەمبەرنىڭ تەلىمى بىلەن بىردەك ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىدۇ»دېگەن.
ئۇ سۆزىنى تولۇقلاپ: «يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، ھاراق، چەتئەلدىكى ھايۋانلارنىڭ ئىسمى ۋە ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ ئىسمى شۇنداقلا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەلباشىنىڭ ئىسمى قاتارلىقلار بۇندىن كېيىنكى كىتابلاردا كۆرۈلمەيدۇ. كىتابلارنىڭ مەزمۇنى پەقەت ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن كەلگەندىلا، ئاندىن نەشر قىلىنىشقا يول قويۇلىدۇ»دېگەن.
يېقىندا، ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى ھامىنىي ئىران مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنى:«كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئەسەرلەرنى ۋە كىنولارنى ئىجاد قىلىشقا، ئىراننىڭ مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنلارنى تەتقىق قىلىپ چىقىشقا ھەمدە كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان پايدىلىق ئويۇنچۇقلارنى ياساپ چىقىش ئارقىلىق، غەرب مەدەنىيەتنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلەشكە»ئۈندىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، 1979- يىلدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مەزگىلىدە، ئىران ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ ھاراق سېتىشىنى ۋە ئىچىشىنى چەكلىگەن، بىراق كىشىلەرنىڭ ھاراق ئىچىش ئادىتى يەنىلا توختىمىغان. ئىران پارلامېنتىدىكى بەزىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كىشىلەر دۆلەت ئىچىگە باكلىق ئاپتوموبىل بىلەن ھاراق توشۇيدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved