شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئامېرىكا فىلادېلفىيە، بىر قورال كۆتۈرگەن كىشى چارلاش ماشىنىسىدا ئولتۇرغان ساقچىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. ئۇ كىشى ساقچىنىڭ بىلىكىگە ئوق چىقارغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. بۇ ساقچى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالانغان. جىنايەتچى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ساقچى تەرەپكە ئۆزىنىڭ رادىكال تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە ناھايىتى سادىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
يەرلىكتىكى ساقچى تەرەپ 8-چېسلا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، قوراللىق كىشى شۇ كۈنى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 13 پاي ئوق چىقارغان، دېگەن. ئەينى چاغدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ساقچى ماشىنىنى ھەيدەپ بىر تۆت كوچا ئاغزىدا توختىغان بولۇپ، قوراللىق كىشى پىيادىلەر يولىدىن ياندىشىپ كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان.
ساقچى تەرەپ يېشى 30 لاردا بولغان بۇ قوراللىق ئەرنىڭ يالغۇز ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، ئوغرىلانغان قورالنى ئىشلەتكەنلىكىنى، ھەتتا بۇ قورالنىڭ قانچە كىشىنىڭ قولىدىن ئۆتكەنلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved