جاھان ئاگېنتلىقى 2-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يادرو مۇزاكىرىسىدە ئىران ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا سىياسى نوقتىدا كېلىشىم ھاسىل بولدى. كېلىشىم لايىھەسى يېزىلىشقا باشلىنىدۇ ۋە بارلىق شەرتلەر ئورۇندالسا 30-ئىيۇن ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىم ئىمزالىنىدۇ.
شىۋىتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە ئىران بىلەن 5+1 دۆلەتلىرى ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان يادرو مۇزاكىرىسىدە كېلىشىم ھاسىل بولدى، ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى تىۋىتتېر ھىساباتى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران بىلەن 5+1 دۆلەتلىرى ئارىسىدا يۈرگۈزۈلگەن يادرو مۇزاكىرىسىدە ئاچقۇچلۇق تېمىلارنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى ۋە لايىھە تەييارلاشنى باشلىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭغا ئاساسەن لايىھەنىڭ 30-ئىيۇنغا قەدەر تەييارلىنىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جن كېررىي، تىۋىتتېر ھىساباتى ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتتا، «يادرو مۇزاكىرىسىدە ئاساسى تېمىلاردا كېلىشىم ئۈچۈن مۇساپە بەلگىلەندى. يېقىندا ھەل قىلغۇچ كېلىشىم ئۈچۈن خىزمەتنى باشلايمىز» دېدى.
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ ھازىر مەۋجۇت بولغان قۇيۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنىڭ 3\2 سى يوقىتىلىدۇ ياكى دۆلەت سىرتىغا چىقىرىلىدۇ، ئىران يادرو پروگراممىسى 10 يىل كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمنىڭ لايىھەسى جىددى يېزىلىشقا باشلىنىدۇ، 30-ئىيۇنغا قەدەر لايىھەنىڭ تېكىستى تەييارلىنىدۇ، 30-ئىيۇندا بەلگىلەنگەن نىشانلارغا يىتىپ بېرىلسا ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ كېلىشىم ئىمزالىنىدۇ.
بۇ خىزمەتنىڭ بۇنىڭدى كېيىنكى قىسمىنى خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيسى ئورگىنى كۆزىتىدۇ، ۋە ئىراننىڭ كېلىشم دائىرىسىدە قىلغان سۆزىگە ئەمەل قىلامدۇ يوق كۆزىتىدۇ ۋە دوكلات تەييارلايدۇ.
خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئىجابى دوكلات بەرگەن ئەھۋالدا ۋە 30-ئىيۇنغا قەدەر شەرتلەر ئورۇندالغان ئەھۋالدا ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن بېسىملار بىكار قىلىنىدۇ.
يادرو مۇزاكىرىسى رايۇن دۆلەتلىرى ئارىسىدا مۇناسىۋەت ۋە كۈچ تەڭپۇڭلىقى نوقتىسىدىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىراننىڭ تەسىرى سەۋەبلىك ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان، كېلىشىمنىڭ تېھراننى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇ سەۋەبتىن ئىككى دۆلەت كېلىشىمنىڭ ھاسىل بولماسلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە زور بېسىم ئىشلەتتى. ئىككى دۆلەت بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلىدىمۇ ئەڭ ئاخىرقى كېلىىشمنىڭ ھاسىل بولماسلىقى ئۈچۈن بېسىمنى داۋاملاشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved