يەرشارى تورى ئۇنىۋېرىسال خەۋىرى : تەيۋەن «مەركىزىي ئاگېنتلىقى» نىڭ 8-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، تەيفىڭ «Hagupit» شۇ جاي ۋاقتى 7-دېكابىر فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شەرقىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئېيتىشىچە ، «Hagupit» فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ، سائىتىگە 15 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن غەربىي شىمالغا ئىلگىرلىگەن بولۇپ ، بوراننىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 140 كىلومېتىرغا يەتكەن ، پەيتلىك ئەڭ قاتتىق بوراننىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 170 كىلومېتىرغا يەتكەن . مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ، «Hagupit» بۇ يىل فىلىپپىن دۇچ كەلگەن ئەڭ كۈچلۈك تەيفىڭ بورىنى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved