جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، جۇڭخۇا ۋە ئەرەب مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بىرلىشىش نۇقتىسى ھاسىل قىلايلى

      دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-يانۋار قاھىرەدىكى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىدا «جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا ۋە ئەرەب مىللەتلىرى بىر-بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ ئىنتايىن مۇستەھكەم ئىشەنچ. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، تىنچ، يېڭىلىق يارىتىش، يېتەكلەش، تۈزەش، قوشۇلۇشتەك ھەرىكەت ئىدىيەسى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا، ئەرەب ئىككى چوڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بىرلىشىش نۇقتىسى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:05لەرە، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبى، مىسىر زۇڭلىسى ئىسمائىلنىڭ ھەمراھلىقىدا نۇتۇق سۆزلەش زالىغا كىردى. ئاڭلىغۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. ئەرەبى سۆز قىلىپ شى جىنپىڭنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ۋە خەلقىگە ئالىي ئېھتىرام ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، سەمىمىي تىلەك تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زامان ۋە ماكان ھالقىغان ئالاقە جەريانىدا، جۇڭخۇا ۋە ئەرەب مىللەتلىرى بىر-بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، قەدىمكى يىپەك يولىدا دوستانە بېرىش-كېلىش قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش جېڭىدە جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇپ، دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىدە ئۆز-ئارا ياردەم بەردى.شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا شەرقنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، لېكىن ھازىرغىچە ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلاردىن قۇتۇلالمىدى. ئوتتۇرا شەرقتىكى كىشىلەر توقۇنۇش ۋە قىيىنچىلىقنىڭ ئاز بولۇشىنى، تىنچلىق ۋە ھۆرمەتلەشنىڭ كۆپرەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشتە سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىش مۇھىم ھالقا. قورال كۈچى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس، توقۇنۇش بولغان تەرەپلەر كۈچنى سىياسىيدا بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇجەسسەملىشى كېرەك. قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، تەرەققىياتنى تېزلىتىش مۇھىم ھالقا. يول تاللاشتا دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يولنى تاللاش مۇھىم ھالقا. بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى پەقەت شۇ دۆلەتنىڭ خەلقى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي يولى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئاساسەن قارار قىلىدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق مىللىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. پەلەستىن مەسىلىسىنى چەتلەشتۈرمەسلىك، ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنىڭ تۈپ مەنبەسى. خەلقئارا جەمئىيەت ئىختىلاپنى تۈگىتىپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا قايتا سۆھبەتلىشىش، كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئادالەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئادالەتنى ياقلاشتا تەۋرەنمەسلىكى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
22-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
25-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سىتاتىستىكا قىلىنىشىچە، پۈتكۈل فرانسىيەدىكى %20 ماي قاچىلاش پونكىتىدا پۈتۈنلەي ماي يوق ياكى ماي يېتىشمەسلىك ھالىتى كۆرۈلگەن.  &nbs...
25-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 50 مىڭ ئادەم كوچىلارغا چىقىپ، بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە چىقىمىنى قىسىش سىياسىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. بىرنەچچە ئۆكت...
25-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
25-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
25-05-2016
    جۇڭگو خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ24-كۈنى خانويدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ۋيېتنام كۈنلۈك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى خانوي ۋاقتى 15:55 ئۆتكەند...
25-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مىسىر ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ يوقاپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئايروپىلان پارىژدىن ئۇچقان ۋاقىتتا تېخ...
25-05-2016
تۈركىيە زۇڭتۇڭى يېڭى ئىچكى كابىنېت ئىسىملىكىنى تەستىقلىدى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ ئەزاسى داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئەنقەرە، 24-ماي تېلېگراممىسى:      تۈركىيە زۇڭتۇڭ...
25-05-2016
    تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇچرىشىشىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى 24-ماي، تۇنجى قېتىملىق دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇچرىشىشىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھ...
25-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 25- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 24- ماي ۋېيتنامنىڭ خۇچىمىن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ھەمدە بۇ شەھەردىكى داڭلىق سەيل...
24-05-2016
    بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى تۇرمۇش تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان شىۋېتسارىيە ھەر ئايدا پۇقرالىرىغا ھەقسىز 2500 ئامېرىكا دوللىرى تارقىتىش مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلىۋېتىپتۇ.شىۋېتسارى...
Powered by Leglek