1947-يىلى ھىندىستان مۇستەقىل بولدى.گەندىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن جاۋاھارلال نېھرۇ بىرىنچى قول باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەندى. نېھرۇ ھىندىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قاتناشقۇچى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ئەنگىلىيەدىن مۇستەقىل بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان.ئۇ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى 17 يىل ئۆتىگەن بولۇپ، ھىندىستاندىكى شۇ ئورۇندا ئولتۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن باش مىنىستىر ھېسابلىنىدۇ.
نېھرۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، نېھرۇ سىرتقا 3-دۇنيا ئىتتىپاقداشلىق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن قانات يايدۇردى، ئىچى قىسىمدا ھىندى دىنىنى ئىسلاھات قىلىپ، سالاھىيەت نامى تۈزۈمىنى قانۇندىن بىكار قىلدى، يەنە نامراتلار ۋە سەرگەردانلارغا زۆرۆر بولغان ئىجتىمائىي غەمغورلۇق بېرىشنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىقتىسادى سىياسەتنى تەڭشەپ، ھىندسىتاننىڭ ھەر يىللىق ئوتتۇرىچە ئىقتىسادىنى %4 ئېشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. شۇ سەۋەبلىك نېھرۇ ھىندىستانلىقلار ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە. 1964-يىلى نېھرۇ كېسەل سەۋەبلىك ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن نېھرۇ-گەندى جەمەتىدە يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى باش مىنىستىر بارلىققا كېلىپ، ھىندىستانغا 20 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئەمەلىيەتتە نېھرۇ-گەندى جەمەتى گەندى نېھرۇنىڭ قىزى توي قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى ئۇنىڭ كۈيئوغلىغا قالدۇرغان. چۈنكى ئۇنىڭ كۈيئوغلى يات مىللەت ئاتەشپەرەسلىرىدىن ئىدى، دەرىجە قاتلاملىرى ناھايىتى قاتتىق بولغان سالاھىيەت نامى تۈزۈمى ئاستىدا، ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرىگە ئايلىنىپ قالاتتى، شۇڭا فامىلە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىرىنچىدىن ھىندىستان جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرەلىسە، ئىككىنچىدىن ئەجداتلىرىنىڭ نام-شەرىپىگە ۋارىسلىق قىلالايدۇ، كېيىنكى ھىندىستاندىكى بىر قانچە گەندى ئىسىملىك باش مىنىستىر دەل مۇشۇ قانداشلىقتىن كەلگەن بولۇپ، بىراق گەندى بىلەن ئازراقمۇ قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق.
ئىندىرا گەندى 1966-يىلى نېھرۇنىڭ قىزى ئىندىرا گەندى ھىندىستان باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى. ھەمدە 1980-يىلى يەنە قايتا سايلاندى. ئىندىرا گەندى ھىندىستاندىكى يېقىنقى زاماندىكى ئەڭ داڭلىق ۋە تالاش-تارتىشقا ئىگە سىياسىيونلارنىڭ بىرى. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە، ئۇ ھىندىستاننى سوغۇق ئۇرۇشتىن تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. سانائەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھىندىستاننى يادرو دۆلىتىگە ئايلاندۇردى. ھىندىستاننى ئۇزۇن مەزگىل ئاشلىق قىسىنچىلىق ھالىتىدىن ئاشلىق ئېكسپورت دۆلىتىگە ئايلاندۇردى، ھىندىستان بالىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ياخشى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بىراق ئۇنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئوغلىنى ئۆزىنىڭ ۋارىسلىقىغا تەربىيلەش قىلمىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. 1984-يىلى ئىندىرا يېنىدىكى شىك دىنىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
راجىف گەندى بىر قانچە سائەتتىن كېيىىن چوڭ ئوغلى راجىف گەندى يېڭى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەندى. بىراق 1991-يىلىدىكى بىر قېتىملىق يىغىلىشتا، بىر ياش ئايال راجىفنىڭ ئالدىغا يۈكۈنۈپ بېلىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتىلىتىپ، راجىف، شۇ ئايال ۋە باشقا 16 ئادەم نەق مەيداندا پارتىلاپ ئۆلدى.
سونىيا گەندى نېھرۇ جەمەتىدىكى ھىندىستان دۆلەت كونگرىسى پارتىيەسى رەھبىرىراجىف ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيەسى رەھبەرسىز قېلىپ، سايلامدا مەغلۇب بولدى. دۆلەت كونگرېسى پارتىيەسىنى قايتا گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، 1997-يىلى 5-ئايدا، راجىفنىڭ ئايالى سونىيا دۆلەت كونگرېسى پارتىيەسىگە كىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىككىنچى يىلى شۇ پارتىيەنىڭ رەئىسى بولۇپ، 2004-يىلى شۇ پارتىيەدىكى مەرتىۋىلىك پېشقەدەم مانموھان سىنگ باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەندى.
سونىيا گەندىنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ ئوغلى راھول گەندى 2005-يىلى ھىندىستان پارلامېنت ئەزاسى بولدى، ئىككى يىلدىن كېيىن دۆلەت كونگرېسى پارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved