8-يانۋار سائەت 15 ئەتراپىدا يۈننەن شىشۇاڭبەننادىن ئۇچقان تۆت ئايروپىلان فۇجيەن چۈەنجوۋ ئايرودرومىغا قوندى، لائوستا تۇتۇلغان 300 نەپەر ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارلىرى جۇڭگو - لائوس چېگراسىدىن فۇجيەنگە يالاپ ئېلىپ كېلىندى. مەملىكەتلىك تېلېگراف تور يېڭى تىپتىكى ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش - تۈزەش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتى ئىشخانىسىنىڭ باشقارما مۇدىرى گاۋ فېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ دېلودىكى زور كۆپ ساندىكى زىيانلانغۇچىلار فۇجيەن ئۆلكىسىدە بولغاچقا، ج خ مىنىستىرلىكى بۇ دېلونى فۇجيەن ئۆلكىلىك ج خ تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە قىلىشنى بېكىتتى.
ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو ۋە لائوس ساقچى تەرەپنىڭ بىرلىكتە زەربە بېرىشى بىلەن، «22-دېكابىر» ئالاھىدە زور دۆلەت ھالقىغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىق دېلوسى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىندى. بۇ دېلو يېقىنقى يىللاردىن بېرى ج خ مىنىستىرلىكى تەشكىللەپ پاش قىلغان ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق دۆلەت ھالقىغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىق دېلوسى بولۇپ، 470 نەپەر جىنايەت گۇماندارى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سانى ئەڭ كۆپ، شايكا كۆلىمى ئەڭ چوڭ دېلو بولۇپ قالدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved