2016-يىلى بولسا ئەڭ ئاخىرقى ۋەزىپە ئۆتۈش يىلى. يېقىندا ئاقساراي ئەڭ ياخشى رەسىملەرنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە بىر يۈرۈش ئاقسارايدىكى «ئەڭ مەپتۇن قىلارلىق» رەسىملەرنىمۇ ئېلان قىلدى. رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئوبامانىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، فوتوگراف ئاممىنىڭ شەخسىي نوقتىدا تۇرۇپ ئوباما ۋە مىچېل ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رەسىمدە: 2015-يىلى 27-فېۋرال ئوباما NBA توپچىسى شاچۇللې ئونېئالنى قوبۇل قىلدى، فوتوگراف ئالايىتەن فوكوسنى كېڭەيتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بوي ئېگىزلىكتىكى پەرقنى چوڭايتقانلىقىنى ئېتراپ قىلدى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 7-مارت، ئوباما بىر ئائىلە كىشىلىرى خەلق ھوقۇقى پائالىيەتچىسى Amelia Boynton، خەلق ھوقۇقى تەشەببۇسچىسى پارلامېنت ئەزاسى John Lewis قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە نامايىشچى قوشۇنغا باشلامچىلىق قىلىپ، 50 يىل ئىلگىرى «قانلىق يەكشەنبە» توقۇنۇشى بولغان Edmund Pettus كۆۋرۈكىگە قاراپ ماڭدى. ئوباما نۇتۇقىدا 50 يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئىرقىچىلىق مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش بولمىدى دېگەن قاراشلارنى ئىنكار قىلدى.
شۇ كۈنى پارلامېنت ئەزاسى جون لويىس سۆز قىلغاندا مىچېل ئۈن-تىنسىز ھالدا ئوبامانىڭ قولىنى تۇتىۋالدى.
2015-يىلى 23-فېۋرال ئوبامانىڭ قىزى مارىيە دادىسى بىلەن پاراڭلاشقاچ ئۇنىڭ يۈزىنى سۈرتۈپ قويدى.
2015-يىلى 31-مارت، ئوباما ئىران بىلەن بولغان سۆھبەت ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.
2015-يىلى 12-ماي، مىچېل ئۆزىنىڭ بوكس ماھارىتىنى كۆرسەتتى.
2015-يىلى 14-ماي، زۇڭتۇڭ ئوباما دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن داۋىد لاگېرىدا كۆرۈشتى.
2015-يىلى يەتتە دۆلەت باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ۋە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مېھمانساراي سىرتىدا پاراڭلاشتى.
2015-يىلى 6-ئىيۇن ئامېرىكا ۋىلمىڭتون شەھىرى، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بايدېننىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا، ئوباما سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن بايدېن بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئىككەيلەننىڭ يۈزلىرى چاپلىشىپ كەتتى.
2015-يىلى 11-ئىيۇن، پارلامېنت كالتەك توپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، ئوباما ئالايىتەن ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسىدىكىلەر بار جايدا توختاپ خىزمەتچىلەر بىلەن بىرگە سۈرەتكە چۈشتى.
2015-يىلى 25-ئىيۇن، ئوباما ياردەمچىسىدىن ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ تېخى بايىلا ئامېرىكا تەكسە باھادا داۋالىنىش قانۇن لايىھەسى (Affordable Care Act)دىكى بىر ھالقىلىق مەزمۇنغا كېسىم چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ بىر قاتار غەلىتە قىلىقلارنى چىقىرىپ ئىنكاس بىلدۈردى.
2015-يىلى 26-ئىيۇن، ئاقساراي رەڭگارەڭ چىراقلارنى ياندۇرۇپ ئوخشاش جىنىسلىقلار نىكاھلىنىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
2015-يىلى 17-ئىيۇل، نيۇيوركتىكى ۋىتنېي مۇزېيخانىسى، ئوباما قىزى مارىيەنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆردى.
2015-يىلى 18-ئىيۇل، ئوباما نيۇيوركتىكى رىچارد روجېس تىياتىرخانىسىدا خىزمەتچىلەر بىلەن پاراڭلاشتى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 2-سېنتەبىر، ئامېرىكا ئالىياسكا شىتاتىدىكى دىللىڭھام، ئوباما شۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كەنتىنى زىيارەت قىلدى، ئوباما ئىككى قوللاپ بىر سالمۇن بېلىقىنى تۇتىۋالدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ قاپيۈرەك بېلىق سىپېرمىسىنى ئوبامانىڭ ئايىقىغا چاچرىتىۋەتتى.
2015-يىلى 21-سېنتەبىر، ئوباما ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن ئىشلىرى بويىچە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى مۇدىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
2015-يىلى 23-سېنتەبىر، ئوباما زىيارەتكە كەلگەن پاپا فرانسېسكو بىلەن كۆرۈشتى.
2015-يىلى 1-ئۆكتەبىر، زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىدىكى شىرە ئۈستىدە ئولتۇرغان ئوباما.
2009-يىلى 8-ئۆكتەبىر، ئوباما ھەمدە ئىچكى كابېنت ۋە سوت ئەزالىرى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.
2015-يىلى 11-ئۆكتەبىر، ئوباما توپ مەيدانىدا دەم ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا، يېڭى توي قىلغان يىگىت- قىز ستفېننى ۋە بىرائىن بىلەن تاسادىپى ئۇچرىشىپ قالدى ھەمدە خۇشال ھالدا ئۇلار بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 30-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ۋاشىنگىتون، ئوباما بىلەن مىچېل ئاقسارايدا بالىلارنى كۈتىۋېلىپ پەرىشتىلەر بايرىمىنى تەبرىكلىدى، ئوباما ئوڭدا يېتىپ بىر بالىنى كۆتۈرۈپ ئەركىلەتتى.
2015-يىلى 30-ئۆكتەبىر، ئوباما بىلەن مىچېل ئاقسارايدا بالىلارنى كۈتىۋېلىپ پەرىشتىلەر بايرىمىنى تەبرىكلىدى، ئۇ رىم پاپاسى فرانسىسكونىڭ سىياقىدا ياسىنىۋالغان بالىنى كۆرگىنىدە ئاۋال ئۇنىڭغا ئىگىلىپ تازىم قىلدى ئاندىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئوباما بالىغا مۇنداق دېدى: «سەن بۈگۈنكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى.»
2015-يىلى 21-نويابىر، ئوباما كۇئالالومپۇردا رەسىم سىزىۋاتقان مۇساپىر بالا بىلەن پاراڭلاشتى.
2015-يىلى 30-نويابىر، ئوباما فرانسىيەگە بېرىپ كېلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ ئالدىن ئېلان قىلمايلا ھوللاند بىلەن خاتىرلەش ئورنىغا بېرىپ پارىژ تېرورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
2015-يىلى 7-دېكابىر، ئوباما ئىشخانىسىدا ئولتۇرسا مەشھۇر كومىدىيە ئارتىسى Jerry Seinfeld ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىنىڭ دېرىزىسىنى چەكتى.
2015-يىلى 22-دېكابىر، ئامېرىكا ھاۋاينىڭ ۋاخۇ ئارلىدىكى كۇكۇبايدا ئوباما تاغقا چىقتى، ھاۋاي بولسا ئوباما تۇغۇلغان جاي.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved