ئاتالمىش تارقىلىشچان كېسەللەرنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، تارقىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، بۇنداق كېسەللەرگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئون ياشنىڭ توققۇزى گىرىپتار بولىدۇ. تۆۋەندە ياشلار ئىچىدە ئەڭ كەڭ تارقالغان ئون چوڭ كېسەلنى تونۇشتۇرىمىز، كۆرۈپ بېقىڭ، سىز ۋە دوستلىرىڭىز يۇقىرىقى كېسەللەرنىڭ قانچىسىگە مۇپتىلا بولدىكىن؟
1. سەھەردە ئورۇندىن تۇرۇش قىيىن بولۇش كېسىلى
كلىنىكىلىق ئىپادىسى: سەھەردە ئورۇندىن تۇرۇش ئىنتايىن ئېغىر كېلىش. سەھەر تۇرمىغاندا ئانا – بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەت سۇسلاپ، بىللە تۇرۇۋاتقان ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ مۇناسىۋىتى يېرىكلىشىپ، ياتاقداشلار ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولىدۇ. قىز دوستى بىلەن سائەت 10 دا كۆرۈشۈشكە پۈتۈشكەن بىر يىگىت سەھەردە قوڭقۇراقلىق سائەتنى 10 غا توغرىلاپ قويۇپ، ئويغانغاندىن كېيىن ھۇرۇنلۇق قىلىپ كارىۋاتتا يېرىم سائەت ياتسا، ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىنمۇ مىسىلداپ يېرىم سائەتنى ئۆتكۈزسە، سۆرەلمىلىك بىلەن ناشتا قىلىپ، قىز دوستى بىلەن كۆرۈشىدىغان جايغا كېچىكىپ بارسا، قىز دوستى ھامان بىر كۈنى ئالدى – كەينىگە قارىماي كېتىپ قالىدۇ.
2. WiFi دىن ئايرىلالمايدىغان يۈزى قېلىنلىق كېسىلى
كلىنىكىلىق ئىپادىسى: ئاشخانا، KTV، شاھماتخانا دېگەندەك جايلارغا بارغاندا، بىرىنچى بولۇپ قىلچە خىجىل بولماستىن WiFi نىڭ مەخپىي نومۇرى قانچە؟ دەپ سوراش.
3. قىيىنچىلىقنى تاللاش كېسىلى يەنى نامراتلىق ئۆسمىسى
كلىنىكىلىق ئىپادىسى: پۇل يوق، نامرات بولۇپ كەتتىم دەپ زارلاش دائىم ئۇچرايدىغان يەر شارى خاراكتېرلىك كېسەل. بۇ كېسەلنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى تۇراقسىز، ئاساسلىق ئالامەتلىرى كۆپ ۋاقىتلاردا ماشىنا سېتىۋېلىشنى خىيال قىلىش، بازار ئايلىنىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، پورتمال قۇرۇقدىلىپ قېلىش، ھاياتلىقتىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇنى سودا سارايلىرىدىكى ھەممە نەرسىنى ئېلىش دەپ قاراش، ئېلىپ بېرەي دەيدىغان يىگىتنى جورا تاللاشتىكى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىشتىن ئىبارەت.
4. تاماقتىن بۇرۇن رەسىم چۈشۈشكە زورلاش، مەن رەسىمگە تارتىمەن، مىدىرلىماڭ، دېيىش كېسىلى
كلىنىكىلىق ئىپادىسى: ناھايىتى قىممەتلىك قورۇما ئۈستەلگە چىققاندىن كېيىن كۆپچىلىك چوكىلىرىنى ئېلىپ قورۇما يېيىشكە تەييارلىنىۋاتقاندا تۇيۇقسىز «توختاڭلار» دەپ ۋارقىراش. بۇنىڭ بىلەن باشقىلارمۇ بىر - بىرلەپ چوكىسىنى تاشلاپ رەسىم تارتىدىغان يانفونغا قاراپ ئولتۇرۇش.
5. تاماق زاكاس قىلغان ھامان ئېلىپ كىرىلسىكەن دەپ خام خىيال قىلىش كېسىلى
كلىنىكىلىق ئىپادىسى: ھەر قېتىم ئەمدى قەتئىي تاماق يېمەيمەن دەپ ئويلىسىمۇ، ئەمما قورساق قاتتىق ئېچىپ كەتكەنلىكتىن دەرھال تېلېفوننى ئېلىپ ئاشخانىغا تاماق زاكاس قىلىش ۋە قارشى تەرەپنىڭ «تامىقىڭىزنى بەش مىنۇتتا ئەكىرىپ بېرىمىز، تاماق ھازىرلا تەييار بولىدۇ» دېگەن يالغان سۆزلىرىگە ساددىلىق بىلەن ئىشىنىش، نەتىجىدە ئېڭىكى چۈشۈپ قالغۇدەك ساقلىغان بولسىمۇ لېكىن تاماقنىڭ ۋاقتىدا كەلمەسلىكى.
6. يانفونغا ئېغىر دەرىجىدە مەپتۇن بولۇش كېسىلى
كلىنىكىلىق ئىپادىسى: ئۆيدىن چىققاندا يانفوننى ئۇنتۇپ قالسا خۇددى ئىچ كىيىم كىيىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قاتتىق بىئارام بولۇش، يانفوننىڭ %100 توكى بولمىسا خۇددى بەلباغنى باغلىمىغاندەك خاتىرجەمسىزلىنىش.
7. ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن مەجبۇرىي ھالدا ئۆزىگە بېسىم قىلىش كېسىلى
كلىنىكىلىق ئىپادىسى: ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن يانچۇقلىرىنى سىلاشتۇرۇپ ئۆز – ئۆزىگە: يانفون، ئاچقۇچ، پورتمال، ئاپتوبۇس كارتىسى... دەپ تەكرار – تەكرار پىچىرلاش.
8. ھەممە ئۆز ئىختىيارىمچە بولسا، پۈتۈن دۇنيا مېنى ياخشى كۆرسە دەپ قاراش كېسىلى
كلىنىكىلىق ئىپادىسى: دائىم ئۆزىنى باشقىلارنىڭ كۆڭلىكىدىكى كىشى دەپ قاراش، ھەمىشە ئۇ مېنى چوقۇم ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، يەنە ئازراق چىدىۋەتسەم ھەممە ئىشلار ياخشى بوپ كېتىدۇ، ناۋادا بىرى ماڭا پۇل سېلىپ بەرسىچۇ؟ دېگەندەك خام خىياللارغا بېرىلىش.
9. ھامىلىدارلىقنى خالىماسلىق كېسىلى يەنى ھامىلىدارلىقنى ئاۋارىچىلىق دەپ قاراپ قېرىغىچە سالتاڭ يۈرۈش
كلىنىكىلىق ئىپادىسى: يېرىم كېچىدە ھەممە تىمتاس ئۇيقۇغا كەتكەندە كۆڭلىدىكى ئىلاھىغا ئۈندىداردا «ئۇخلىدىڭمۇ» دەپ ئۇچۇر يوللاش، ئاندىن ئىلاھتىن كەلگەن «ئۇ ئۇخلاپ قالدى، سىز كىم؟» دېگەن ئەكس سادانى ئاڭلاش، ئەتىسى يەنە مۇشۇنداق ئۇچۇر يوللاش، بۇنداق قىلىشنى خۇددى ئىدارىدە يوقلىما قىلغاندەك ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرۇش.
10. كەينىگە سۈرۈش كېسىلى يەنى ھۇرۇنلۇق
بۈگۈن ئورۇنداشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئەتىگە سۈرۈش، دائىم ئەتە قىلىمەن دەپ زادىلا ئەتىسى تۈگىمەسلىك.
بەلكىم يۇقىرىقى كېسەللەرنىڭ ھېچقايسىسى سىزدە بولماسلىقى ياكى سىزدە بار كېسەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنمىغان بولۇشى مۇمكىن.
سىزدە قانداق كېسەل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جىددىيلەشمەڭ، كۆڭلى – كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ، قانچە بالدۇر داۋالانسىڭىز شۇنچە ياخشى. لېكىن، تارقىلىشچان كېسەل، تارقىلىشچان ئۆسمىنىڭ ھەرقاندىقىنى داۋالىغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىماڭ. ھەرقاچان شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، كېسەل بولغاندا دورىنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا دورىنى يەنە بىر داۋالاش باسقۇچى ئۇزارتىپ يېسڭىزمۇ بولىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved