جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پۇت ئاغرىش ، نېرۋا ئاجىزلاش ۋە نېرۋا پائالىيىتى بۇزۇلۇشقا داۋا بولىدۇ .
ئىگىر ، زەنجىۋىل ۋە ھىڭدىن 25 گرامدىن ، سىياداندىن 20 گرام ئېلىپ سوقۇپ ، 60 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، كۆز كېسەللىكلىرى ، كۆز تۇتۇلۇش ، نېرۋا ئاجىزلاش ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە سېسېق كېكىرىشكە داۋا بولىدۇ .
ئوتروجدىن 100 گرام ، پىلپىل بىلەن پودونەدىن ئون گىرامدىن ، جويوزبوۋە ، قاقىلە ، خولونجان ۋە زەنجىۋىلدىن سەككىز گرامدىن ، دارچىندىن يەتتە گرام ، ئىپاردىن ئىككى گرام ئېلىپ سوقۇپ ، 50 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، نېرۋىنى كۈچەيتىپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدۇ ، ئېغىزدىكى بىتەمنى يوقىتىپ ، سەپرا مەنبەلىك كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved